تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

يىغىندا، چېن چۈەنگو، تيەن شياڭلى، قادېن كەبىن ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ئەزا باشقا يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور فاڭجېن، سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولغان بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە خەلق 100 يىل كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىگىلەپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بىز ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى توپلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى كۈچلەرنى تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتىن ئىبارەت ئېسىل ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «تۆت كەيپىيات» «تۆت خاھىش»نى قەتئىي تۈزەپ، قىيىنچىلىقتىن قاچماي، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىياز يوق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تەيشەن تېغىدەك مۇستەھكەم قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.