تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ساھەلەردە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

​پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لياڭ لىخۇا، گو لىڭ، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ساھەلەردە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتۈپ چىقىشقا تۈرتكە بولدى.

تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم، زور، رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تەشكىللەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى بىلەن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى، ئىشەنچنى چىڭىتىشى، كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ تېزدىن ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنى قوزغىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئەستايىدىل ياخشى ئادا قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدىكى سىياسىي پەرقلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. «ئۈچنى قىلماسلىق»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئورگىنى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەخسۇس تېمىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەخسۇس تۈر بويىچە ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، كەڭ كادىر - ساقچىلارنى پارتىيەگە بولغان سادىقلىقىنى تومۇرىغا سىڭدۈرۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، مۇتلەق سادىق بولۇش، مۇتلەق پاك بولۇش، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي قانۇن، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» بىر شانلىق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. بىرلىك سەپ سىستېمىسى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت «ئالتە تۈرلۈك پائالىيەت»نى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، سىستېمىلىق تەربىيەلەش، مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قاتلامغا بۆلۈش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىدا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك. بىرلىك سەپنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ سىياسىي ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپنىڭ باشقا ساھەلەردىكى خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.