تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆزگىچە لېكسىيە ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلدى، ئومۇمىي يىغىن روھى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىملىق سۆزلەر، جانلىق ھېكايىلەر... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا زور بىر تۈركۈم ئۆزگىچە لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر ئاكتىپ ئىشلىمەكتە، ئۇلار دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، مەھەللىلەرگە چۆكۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا ئاممىغا يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى «ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى»گىچە يەتكۈزدى.

11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى نېفىت يېڭى شەھەر كوچا باشقارمىسى دېھقانچىلىق مەيدانى مەھەللىسى پۇقرا تەشۋىقاتچىلارنى ئاھالىلەرگە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللىدى. پۇقرا تەشۋىقاتچى شى شيۇجۈ ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاددىي سۆزلەر بىلەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

«بۈگۈنكى كۈندە كۆپچىلىك ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتىدۇ، ئاغرىپ قالسا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يەر تېرىسا ياردەم تولۇقلىمىسى بار، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا قەرز بېرىلىدۇ... سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە بەرگەن، بىز چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.» شى شيۇجۈنىڭ لېكسىيەسى ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ماندان يېزىسى شىنجۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاتىكەم مەمەتنىڭ ئۆيىنىڭ مېھمانخانىسىدا، ئاتىكەم ئائىلىسىدىكىلەر بىرقانچە قوشنىسى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ماندان يېزىسى «گۈلى لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى»دىكى لېكسىيە سۆزلىگۈچىنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتتى.

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، ئائىلىمىز بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشتى، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى شىنجۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل سېيتاخۇن.

ماندان يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى قۇندۇز سېرىكباي مۇنداق دېدى: بىز ئايال كادىرلارنى تەشكىللەپ «گۈلى لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى»نى قۇردۇق، پۈتۈن يېزىدىكى 19 كەنتتە نۇرغۇن كىچىك ھويلا دەرسخانىسى بەرپا قىلىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ساداسى ۋە غەمخورلۇقىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدۇق.

بۇ مەزگىلدە، قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى كادىرلار نەزەرىيە تەربىيەسى لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى سۈن جيەندۇڭنىڭ ھەر كۈنى ئىشخانىغا كەلگەندىن كېيىن قىلىدىغان تۇنجى ئىشى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىش بولدى. «پەقەت ئۆزىمىز ئاۋۋال ئۆگىنىپ ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ئاممىغا يېقىشلىق تىل بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىيەلەيمىز» دېدى سۈن جيەندۇڭ.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، سۈن جيەندۇڭ مەھەللىلەرگە، يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتى ۋە ھەقىقىي ھېس قىلغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

«لېكسىيە ناھايىتى جانلىق سۆزلەندى، نۇرغۇن مىسال ۋە ئۆزگىرىشلەر كۆپچىلىكنى كۆپ تەسىراتقا ئىگە قىلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مەھەللىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، كوللېكتىپ ئۆگىنىش ۋە مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش شەكلى ئارقىلىق، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.» قۇتۇبى ناھىيەسى قۇتۇبى بازىرى شىجىڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ تاۋ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قەلبىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ يۇڭفېي، ليۇ يىمىڭ، كاڭ خاۋيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.