تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىيەتنى چىڭ كۆزلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

11 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مېۋە ـ كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسىدىكى پارنىك ئىچىدە، شىركەتنىڭ تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى ئوبۇلقاسىم بەكرى يېڭىدىن كەلگەن خىزمەتچىلەرگە مېۋە ـ كۆكتات تېرىش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈردى.

خوتەن ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قۇملۇقتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، «باشلامچى كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە بۇ شىركەت 396 پارنىك سېلىپ، شۇ جايدىكى 600دىن ئارتۇق دېھقان ـ چارۋىچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

«بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قىلىپ، تېرىقچىلىقنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، دېھقانلارغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارنىكلارنى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھاۋالىلىك باشقۇرۇشىغا بەردۇق، پارنىكلاردىن قىلىنغان ساپ پايدىنىڭ %80ى دېھقان ئائىلىلىرىگە تەۋە بولدى.» شېڭشى خۇاچياڭ شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ زۇڭكې مۇنداق دېدى: 3 ـ قارارلىق قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 4000 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۆلچەرلىدۇق.

يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە، بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە، باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ گۈللىنىش يولى «تۆت تارىخ» تەربىيەسى سارىيى ئوقۇغۇچىلارغا پۈتۈن كۈن ئېچىۋېتىلدى. 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇ شۆيۈەننىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى جاڭ دۇڭلى بىر قىسىم يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ بۇ يەرگە ئېكسكۇرسىيەگە، ئۆگىنىشكە كەلدى ھەم تەربىيە سارىيىدىكى سۈرەت، ئەمەلىي بۇيۇملارغا بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلىدى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن كەلگەن يەسلى مائارىپى كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئالمىرە مەمەت مۇنداق دېدى: «لېكسىيەنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ناھايىتى زور تەربىيەگە ئىگە بولدۇم ۋە ئىلھاملاندىم. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يۇرتۇمغا قايتقاندىن كېيىن يەسلى مائارىپى ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشىمەن».

«ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر ئائىلە كىشىلىرى، چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك.» 11 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازىرىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئورنىدا، بۇ بازارنىڭ گۇڭشاڭ كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋۇ شيەنمىڭ «ئانار دانىسى» ئۇرۇق ـ تۇغقانلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىغا پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ۋۇ شيەنمىڭ 2016 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا باش بولۇپ «ئانار دانىسى» ئۇرۇق ـ تۇغقانلار ئەترىتىنى قۇردى، ئەترەت ئەزالىرى ئاستانە بازىرىنىڭ ھەرقايسى كەنتلىرىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. ھازىر بۇ ئەترەتنىڭ 30 نەچچە ئەزاسى بار بولۇپ، بۇ يىل تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن 40 نەچچە مەيدان قېتىم تەشكىللەپ ئۆتكۈزدى، مول، رەڭدار ئەدەبىيات ـ سەنئەت پائالىيەتلىرى، پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئاستانە بازىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلب رىشتى تېخىمۇ چىڭىدى.

«ئىتتىپاقلىق − كۈچ. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىمىز، ئىشىنىمەنكى، تۇرمۇشىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ» دېدى ۋۇ شيەنمىڭ.

11 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى سەھەردە، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى ئالتۇنخان پىدائىيلار مۇلازىمىتى تارىخ سارىيىدا ۋاڭ گۇيجېن ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى يەنە بىر قېتىم ۋاراقلاپ كۆردى، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇ ئاھالىلەرگە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى ئىدى.

ۋاڭ گۇيجېن قۇتۇبى ناھىيەسى «ئالتۇنخان» پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى. يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە، ئۇ جەمئىيەتنىڭ غوللۇق ئەزالىرى بىلەن ھەر كۈنى ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق 6 ـ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى. ۋاڭ گۇيجېن يەنە مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى تەشكىللەپ، زىيارەت قىلىش، ھال سوراش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرگە ئومۇمىي يىغىن روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

«ھەر قېتىم لېكسىيەنى ئاڭلىغىنىمدا، ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ۋاڭ گۇيجېن ھەدىگە ئوخشاش پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە كۆپرەك قاتنىشىپ، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشىمەن» دېدى قۇتۇبى ناھىيەسى ئاھالىسى مېڭ لىن.

(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ يىمىڭ، جاڭ جىلى، ۋاڭ يۇڭفېي، پەرىزات ئابدۇل)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.