تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش قوش ئېگىزلىكى بويىچە ئالدىن يۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلدى

ئالاتاۋ پورتى:

ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش قوش ئېگىزلىكى بويىچە ئالدىن يۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلدى

11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئالاتاۋ پورتى ۋوگزالىدىكى قاتناۋاتقان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى كاڭ خاۋيەن، جاڭ جىلى

11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ ۋوگزالىنىڭ ئۈستى يېپىق كونتېينېر يۆتكەپ قاچىلاش ئىسكىلاتىدا، مۇخبىر ئېگىز بوشلۇقتىكى ئاسما ماشىنا بىلەكنىڭ ئالدىراش يۆتكىلىپ، بۇ يەردىكى لىق مال قاچىلانغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن تېز سۈرئەتتە كونتېينېر يۆتكەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

«ھازىر ئىمپورت قىلىنغان ماللار ئىلگىرىكى نوقۇل ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىدىن كېڭىيىپ 200 خىلغا يېقىنلاشتى؛ ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللار دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، ئائىلە سايمانلىرى، مېۋە ـ چېۋە قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ ۋوگزالى يۈك قاچىلاش سېخىنىڭ مۇدىرى گو سەن رېلىس يېنىدىكى كونتېينېرلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر پورتتا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قاتنايدىغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنى توشۇيدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ھەرقايسىسىدىن 12سى بار.

«11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، بۇ يىل ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 5000دىن ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 50 كۈن بۇرۇن بۇ سانغا يەتتى.» ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش 2 ـ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شۈ يۆخېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ پورتتىن قاتنايدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ يىل جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 23ى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، يۈرۈش لىنىيەسى جەمئىي 60قا يەتكەن بولۇپ، بۇ لىنىيەلەر دۆلەت ئىچىدىكى 24 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە چېگرا سىرتىدىكى 13 دۆلەتنى قاپلىدى.

شۈ يۆخېڭ كومپيۇتېردىكى بىر سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى ئېچىپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل تاموژنا باش مەھكىمىسى تۆمۈريول ئارقىلىق چېگرادىن كىرىش ـ چىقىشتا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش كەسىپ ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، كارخانىلار ئەڭ دەسلەپتە مال قاچىلىغاندا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسى سۇنىدۇ، تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن تاموژنا تارماقلىرى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇدۇللاشتۇرالايدۇ، پورتقا كەلگەندىن كېيىن، كارخانىلارنىڭ ئىلگىرىكىدەك ئالاقىدار تارماقلارغا ئىلتىماس سۇنۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، سىستېما ئاپتوماتىك سېلىشتۇرۇپ خاتالىق كۆرۈلمىگەندىن كېيىن، تاموژنا تۆمۈريولغا ئۆتكۈزۈش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ، بۇ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ۋە تىجارەت تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالدى.

«بۇ يىل بىز تۆمۈريولنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى پىلانلىدۇق ۋە يولغا قويدۇق، بۇنىڭغا جەمئىي 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدۇق. بۇ تۈرلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۆلچەرلىنىشىچە، «14 ـ بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، ئالاتاۋ پورتى تۆمۈريولىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ھازىرقى 20 مىليون توننىدىن 60 مىليون توننىغا ئۆستۈرۈلىدۇ؛ كونتېينېر ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىقتىدارى يىلىغا 200 مىڭ ئۆلچەملىك كونتېينېردىن 1 مىليون ئۆلچەملىك كونتېينېرغا ئۆستۈرۈلىدۇ.» ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سەي خۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئىچىدە، تۆمۈريول ۋوگزالىدا پارچە رۇدىلارنى ۋاگون ئاغدۇرۇش ماشىنىسى بىلەن چۈشۈرۈش سىستېمىسى تۈرى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون تۆمۈريول ئۆلچەملىك رېلىسلىق گۇرۇپپىلاش ۋوگزالى تۈرى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىكى نېفىت ـ تەبىئىي گاز لىنىيەسى باك رايونىنى ئۆزگەرتىش تۈرى قاتارلىقلاردا بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاتاۋ پورتى باشتىن ـ ئاخىر راۋان ئېچىۋېتىش، سودىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، سودا ئارقىلىق سانائەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «يول ئىقتىسادى»دىن «ماكانلاشقان ئىقتىساد»قا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر، ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى 600دىن ئارتۇق كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋەكىللىكىدىكى 100 مىليارد دەرىجىلىك كەسىپلەر توپى، ئىمپورت ئاشلىقنى پىششىقلاش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش، ئېكسپورت جابدۇقلىرىنى ياساش، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيالدىن ئىبارەت 10 مىليارد دەرىجىلىك تۆت كەسىپلەر توپى شۇ جاي ئىقتىسادىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، پورت ئارقىلىق ئوبلاستنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئالاتاۋ پورتىنى دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنىڭ دەرۋازا تۈگۈنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق چېگرا بويىدىكى ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش قوش ئېگىزلىكى بويىچە ئالدىن يۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىمىز» دېدى سەي خۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.