تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىياسىي بىخەتەرلىكنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، پەن - تېخنىكا بىخەتەرلىكى، يېڭىچە ساھە بىخەتەرلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق يۆنىلىشتىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسىپلەرنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئاڭلىق ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنىڭ <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» تەتقىق قىلىندى، قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرتەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش بىلەن كاربوننى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۈنۈمىنى ماس ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى تەرەققىياتىنىڭ <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» تەتقىق قىلىندى، قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، زامانىۋى يېزا - كەنت كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى توپلاپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ پىششىقلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خاس كەسىپلەرنىڭ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە يېزا كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ نۇرغۇن ھالقىلىرىدا ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپ يول ئارقىلىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.