تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز

​− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زىيالىيلار، ياش ئوقۇغۇچىلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، يېڭى مۇساپە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ زىيالىيلار، ياش ئوقۇغۇچىلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى چېن دائېن مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى چىڭىتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان تېخىمۇ كۆپ دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

شىنجاڭ سىفەن داشۆسى 2020 - يىللىق جۇڭگو يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئاساسىي مەسىلىلەر تەتقىقاتى كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى ليۇ تەن مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارىخىي تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھەرىكىتىم بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

قەشقەر داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ جيەنيۇڭ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيە - سىياسىي يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىغا سىڭگەن ئىدىيەۋى ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە دەۋر قىممىتىنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ جانلىق دەرسلىكىگە ئايلاندۇرۇپ، «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان بىر ئەۋلاد»لارنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەزىلىتىنى تاۋلىشى، بىلىم ئۆگىنىشى، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىشى، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلىشىدىكى يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، خاسلىققا ئىگە، ئەمەلىي تىپتىكى داشۆ قۇرۇپ چىقىشنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيمەن.

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى قانۇنشۇناسلىق شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ئابلاجان ئابدۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەردىن ئەقىل - پاراسەت ئېلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مائارىپ ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپەم قىلىپ، ئەخلاق بىلەن قانۇننى تەڭ ئۆگىنىدىغان قانۇنشۇناسلىق ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن.

شىنجاڭ داشۆ ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ يىنونىڭ قارىشىچە، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى مۇقەررەر ھالدا دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلىنىشكە يېتەكلەيدىكەن. «يېڭى دەۋردىكى ياش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىمىز، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە ۋە خەلققە ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك».

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پەن شىليې مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن «ئىلگىرى بىز نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىدۇق، كەلگۈسىدە بىز قانداق قىلساق داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز» دېگەن مەسىلىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

يېقىندا، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دىلدار ئوراز پىراكتىكا قىلىش ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتاتتى، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش، ياشلىق باھارىنى بېغىشلاش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەسپىي ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا جاپالىق مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، ياشلىق باھارىمنى ئاساسىي قاتلامدا جۇلالاندۇرۇپ، زور ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان يېڭى دەۋر ياشلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىمەن.

(مۇخبىر جاۋ شىيا، قاتناشقان مۇخبىرلار شيې خۇيبيەن، ما بويۈ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جېن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.