تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

«<بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.» 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «2021 . جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»دە، ئارگېنتىنانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نارۋاجا شۇنداق دېدى.

تەرەققىياتتىن ئىبارەت رېئاللىق ئەڭ ياخشى دەلىل.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى شىنجاڭ ئەمەلىيىتى بىلەن تەمىنلىدى.

نۇقتىلىق سۇپا قۇرۇلۇشىدا چوڭقۇر، پۇختا قەدەم تاشلاندى

11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئالاتاۋ پورتى. ئۆي جاھازلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقتى، بۇ، بۇ يىل بۇ پورتتىن ئۆتكەن 5000 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى.

«بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالاتاۋ پورتىدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 23ى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، بۇ يەردىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش لىنىيەسى جەمئىي 60قا يەتكۈزۈلدى. قاتناش لىنىيەسى تورلىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈك تىرانسپورت ئىقتىدارى يەنىمۇ ئەلالىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى بۇ خىل تىرانسپورت شەكلىنى تاللاپ ئېكسپورت قىلىشقا جەلپ قىلدى» دېدى ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 2 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شۈ يۆخېڭ.

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بايراقدار تۈر بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى شىنجاڭ ئەمەلىيىتى بىلەن تەمىنلەشتىكى جانلىق مىسال.

بۇ يىل، قورغاس، ئالاتاۋ پورتلىرى ئىقتىدارنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇقلۇق پورت تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، تۆمۈريول پورتى تېز يوللانما مەركىزى، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە يۈك توشۇش، يىغىش رايونى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەر دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

«<يۈك يىغىش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش>نى چۆرىدەپ، بىز سۇپا ئىقتىدارىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بەش چوڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، بۇ يىل يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 27گە يېتىپ، يىللىق پىلان سېلىنمىسى 3 مىليارد يۈەندىن ئاشتى» دېدى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇڭ خېخۇا.

ئۇل تېخىمۇ پۇختا، تەرەققىيات تېخىمۇ تېز، مۇلازىمەت تېخىمۇ ياخشى بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنى باشلامچى قىلىپ، قورغاس، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، چېگرا بويىدىكى پورت قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇتۇپىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

بۇ «ئېچىۋېتىش ئاچقۇچى»غا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىنىڭ دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەر «چېگرا ئىچى - سىرتى» ئارىسىدا ئۈزۈلمەي قاتنايدىغان بولدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا جەمئىي 469غا، ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل مەبلىغى جەمئىي 1 مىليارد 345 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، چەت ئەلگە بىۋاسىتە سېلىنغان ئەمەلىي مەبلەغ جەمئىي 4 مىليارد 630 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى.

ئىقتىساد - سودا «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى

بۇ يىل 8 - ئايدا، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ زامان - ماكاندىن ھالقىغان بىر مەيدان كاتتا سودا كۆرگەزمىسى «بۇلۇت تېرمىنالى»دا ئۆتكۈزۈلدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ كۆرگەزمىدە رەقەملەشتۈرۈش ۋاسىتىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ قوللىنىپ، تۇنجى قېتىم تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە 2021 - يىللىق تور ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنى باشلىدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP)گە ئەزا دۆلەتلەردىن تارتىپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىغىچە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى 1323 كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچى سودىگەر، 1865 سېتىۋېلىش سودىگىرى «بۇلۇت كۆرگەزمىسى، بۇلۇت يىغىنى، بۇلۇت كېڭىشىشى، بۇلۇتتا كېلىشىم ئىمزالاش» قاتارلىق تور ئىقتىدارى ئارقىلىق، يۇقۇم كۆرۈلگەن ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئۆزئارا سودا سېلىنما ھەمكارلىقى، مۇلازىمەت سودا ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش مېۋىسىدىن ھوسۇل ئالدى.

«قىسقا مۇددەتتىن قارىغاندا، يۇقۇم خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىغا بەلگىلىك قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئېلىپ كەلدى، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ كۆپ ساندىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىزنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى» دېدى شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت - سودا(گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مى ئېنخۇا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى»گە پائال ئاۋاز قوشۇپ، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان ھەمكارلىقى ھەم جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، خەلقئارا دوست شەھەردىن جەمئىي 45 جۈپنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنلىرى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە ئەسلەتمىدىن 11نى ئىمزالاپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، سودا سېلىنمىسىنى قولايلىقلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، خەۋەرلىشىش، تۇرۇبا تورىدىن ئىبارەت «بەش بىر گەۋدىلەشكەن» ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، تاشيول لىنىيەلىرى تېخىمۇ راۋانلاشتى؛ كورلا - گولمۇد تۆمۈريولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىنى تۇتاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى؛ كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان قاتناپ، گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق، باركۆلنىڭ ئايرودۇرۇم تۈرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، «شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئورۇنلاشتۇرمىسى تېز بەرپا قىلىندى...

ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن «دوستلار چەمبىرىكى» شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى

يەر شەكلىگە ئاساسەن قاتار ئورنىتىلغان غايەت زور ئاق رەڭلىك شامال گېنېراتورلىرى كەڭ دالىدىكى شامالدىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ھاسىل قىلىپ ئېلېكتىر تورىنى بىۋاسىتە تەمىنلەپ، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنىڭ چىرىغىنى ياندۇردى. سەنشيا - پاكىستان شامال ئېلېكتىر تۈرى يۈرۈشتۈرۈلگەندىن بۇيان، بۇ كۆرۈنۈش ھەر كۈنى دېگۈدەك تەكرارلىنىپ تۇرماقتا.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى پاكىستانغا كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو شامال ئېلېكتىر ياسىمىچىلىقى كارخانىسىغا ئايلاندى. ھازىرغا قەدەر، جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى پاكىستاندا يەتتە شامال ئېلېكتىر تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ھەر يىلى شۇ جاينى 1 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەت يېشىل ئېلېكتىر كۈچى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

«كەلگۈسىدە، جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىرقەدەر ئىلغار ھاسىلىي ئېنېرگىيە تېخنىكا نەتىجىلىرى ئارقىلىق <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتكە نەپ يەتكۈزىدۇ» دېدى شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى ۋۇ كەي.

ئىقتىساد يەر شارىۋىلاشقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان يىگانە ئارال يوق.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش تارىخىي ئېقىمىغا ئۇيغۇن، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.

توك يەتكۈزۈش، يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، پار يەتكۈزۈش، گاز بىلەن تەمىنلەش... «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى زور بىر تۈركۈم كارخانىلار دۆلەت دەرۋازىسىدىن پائال چىقىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرگە بەخت ياراتتى.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ كارخانىلىرى چېگرا سىرتىدا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق رايونىدىن تۆتنى قۇردى، جۇڭتەي يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونى تۈرى جۇڭگو - تاجىكىستان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە مىسالى بولۇپ باھالاندى.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېچىۋېتىش روھىي ھالىتى بىلەن تەرەققىيات مۇھىم ئامىللىرىنى توپلاپ، جۇڭگو شىنجاڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتتى، كېڭەيتتى.

داۋالاش - سەھىيە جەھەتتە، شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتىنى پائال كېڭەيتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 27 دوختۇرخانا ئەتراپتىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ 24 چوڭ تىپتىكى دوختۇرخانىسى بىلەن چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇردى.

پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى جەھەتتە، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى 45 دۆلەت ۋە رايون(تەشكىلات)نى، 400دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات ئاپپاراتىنى قاپلىدى.

پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى جەھەتتە، يادرولۇق رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا ھالقىغان راسچوت ئەمەلىي كىرىم - چىقىمى جەمئىي 155 مىليارد 70 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 106 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى.

زامان، ماكان ۋە ئادىمىيەت مۇجەسسەملەندى، «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، يېڭى مۇساپە باشلىنىدىغان پەيتتە، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا باتۇرانە ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.