[تەھرىر ئىزاھاتى]
پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭ گېزىتى «6 - ئومۇمىي يىغىن روھى ئاساسىي قاتلامدا» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتىنىڭ تۆت تۈركۈم يۇغۇرما تاراتقۇ زىيارەت شۆبە ئەترىتى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ يازغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىدۇ.
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
سۆھبەت يىغىنىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش، ئۆزگىچە لېكسىيە سۆزلەش... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار جانلىق، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى داۋاملىق قوزغىدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزلەشتۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا، «بىرلەشتۈرۈش»، «ئايلاندۇرۇش»نى ياخشى قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»نى كوللېكتىپ ئۆگەندى ھەم مىكرو سىن فىلىم «ئىمتىھانغا بېرىش يولى»نى كۆرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى، ئالماشتۇردى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى.
قۇتۇبى ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ يەنخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قۇتۇبىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.
«كوممۇنىستىك پارتىيە ئىشلارنى ياخشى قىلدىمۇ - قىلمىدىمۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ دېگىنى ھېساب. بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىمىزدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.» 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى شىنخۇ كەنتىنىڭ كەنت تارىخى سارىيىدا، بۇ كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى يۆ مېيشيا كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىۋاتاتتى.
شىنخۇ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جىنبو مۇنداق دېدى: «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسى مەركەزلىك ئۆگىنىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق 15 مەيدان قېتىم لېكسىيە سۆزلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز يەنە لېكسىيە سۆزلەش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى پائال تەشۋىق قىلىمىز. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ <ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان> ئىشلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىمىز».
«بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پورتتا دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى ساقلاش بىلەن بىللە، پورت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.» 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئالاتاۋ شەھىرى دوستلۇق كوچا باشقارمىسى دوستلۇق مەھەللىسى پۇقرالار چوڭ سەھنىسىدە، تەشۋىقاتچى يىنخۇ فېيشۆ مەھەللە ئاھالىلىرى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىلارنى يېتەكلەپ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەندى.
ئۆگىنىشكە قاتناشقان دوستلۇق يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى باغجان تالداۋ بۇ يىل ليەنيۈنگاڭ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەي يۇرتىغا قايتىپ تەرەققىي قىلىشنى تاللىدى. باغجان مۇنداق دېدى: «مەن ھازىر بىر پۇقرا تەشۋىقاتچى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئاممىغا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يۇرتىمىزنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».
(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گو چيەن، ليۇ يىمىڭ، جاڭ جىلى، كاڭ خاۋيەن، ۋاڭ يۇڭفېي، جاڭ ئاۋ)