تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

خەلقنى كۆزلەش خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش​

− جاڭ سىدې روھى توغرىسىدا بايان

□لى شياۋمىڭ، ليۇ چى

«يولداش جاڭ سىدې خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن قۇربان بولدى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك».

1944 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ماۋ زېدۇڭ جەڭچى جاڭ سىدېنىڭ ماتەم مۇراسىمىدا بىر قېتىملىق تەسىرى چوڭقۇر نۇتۇق سۆزلىدى. «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» تېمىسىدىكى بۇ نۇتۇق تەزىيەنامە، شۇنداقلا خىتابنامە ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بىر ئاددىي جەڭچىنىڭ ئىسمى بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتى بىلەن زىچ باغلاندى.

جاڭ سىدېنىڭ ھاياتى «پۈتۈنلەي خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان» ھايات. جاڭ سىدېنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى تارىخنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇلۇغ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىدىن ئورۇن ئالدى.

خەلق ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بولۇش

جاڭ سىدې پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز قوشۇنىنىڭ «ئادەتتىكى» بىر ئەزاسى. 1915 - يىلى ئۇ داباشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر كەمبەغەل ئىجارىكەش دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. جۇڭگو ئىشچى - دېھقان قىزىل ئارمىيەسى 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسى 1933 - يىلى سىچۇەن - شەنشى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇرغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا، جاڭ سىدې قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ، ئۇزاق ئۆتمەي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1935 - يىلى، ئۇ قىزىل 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسى تەركىبىدە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئۈچ قېتىم ئادەم ئاياغ باسمىغان قارلىق تاغ، ئوتلاقنى بېسىپ ئۆتكەن. قىسىمغا ئەگىشىپ شىمالىي شەنشىگە بارغاندىن كېيىن، جاڭ سىدې 1937 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

جەڭ مەيدانىدا، جاڭ سىدې باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەچكە، سەپداشلىرى ئۇنى قايىللىق بىلەن «كىچىك يولۋاس» دەپ ئاتىغان. بىر قېتىملىق جەڭدە، ئۇ ئىككى قېتىم يارىلانغان. ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى توختىماي تۇرۇپلا، ئۇ ئۆزىنىڭ يارىسى بىلەن كارى بولماي، ئاكوپتىن سەكرەپ چىقىپ، دۈشمەن ئىستىھكامىغا بۆسۈپ كىرىپ، پىلىموتچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى يالغۇز دۈشمەننىڭ ئىككى پىلىموتىنى قولغا چۈشۈرگەن.

ئۇزۇن سەپەردە، جاڭ سىدې كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان. قورسىقى ئېچىپ غولدۇرلاپ كەتكەن سەپدىشى ئوتلاقتىن «سۇلۇق لوبو»نى بايقىغان، ئۇ يوپۇرمىقىنى ئېلىپ ئۆزى زەھىرىنى سىنىغان، بەختكە قارشى زەھەرلىنىپ ھوشىدىن كەتكەن، قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن: «بۇ خىل <سۇلۇق لوبو> زەھەرلىك ئىكەن، ھەرگىز يېمەڭ، كۆپچىلىككە تېز ئۇقتۇرۇڭلار» دېگەن.

1942 - يىلى ئەتىيازدا، ئۇ ياڭجيالىڭ چوڭ زالىنى سېلىشقا قاتناشقان. چوڭ لىمنى سالغاندا تىرەك تۇيۇقسىز سۇنۇپ كەتكەن، ئۇ ئۆزى يالغۇز يۈگۈرۈپ بېرىپ لىمنى تىرىۋېلىپ، لىم ئاستىدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئىشچىلار ۋە سەپداشلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالغان، لېكىن ئۆزى يارىلانغان.

ياپون تاجاۋۇزچى قوشۇنىنىڭ غالجىرانە «تازىلاش»لىرى، گومىنداڭ جاھىللىرىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن مۇھاسىرىگە ئېلىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىشى ئالدىدا، جاڭ سىدې ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىش، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىكتەك ئالىيجاناب روھ بىلەن سەپداشلىرىنى باشلاپ تاغقا چىقىپ ياغاچ كۆمۈر كۆيدۈرگەن. ئۇ كۈندۈزى خۇمدان كولاپ دەرەخ كەسسە، كەچتە خۇمدان ئېغىزىدا ئوت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، كېچە - كۈندۈز ئىشلەپ، ھېرىپ - چارچاشنى ئۇنتۇغان.

جاڭ سىدېغا ئوخشاش جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جاپادىن قورقماي، ئۆلۈمدىن قورقماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىغا ئەمەل قىلىپ، كۈرمىڭ جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولغان يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ چىقتى.

خەلق ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىش

ئادەتتە، جاڭ سىدې ھەممە جەھەتتە ئاۋۋال باشقىلارنى، ئاندىن ئۆزىنى ئويلاپ، ھەر ۋاقىت خالىس تۆھپە قوشۇپ، باشتىن - ئاخىر يولداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، سەپداشلىرىنى ئاسرىغان.

تۇرمۇشى ئاددىي - ساددا جاڭ سىدېنىڭ بىر سىرلانغان تۈنىكە قاچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قارلىق تاغ، ئوتلاقتىن ئۈچ قېتىم ئۆتۈشىگە ھەمراھ بولغان، قاچا دىۋارى ئويمان - چوقۇر بولۇپ كەتكەن، سىرى ئاساسەن چۈشۈپ تۈگىگەنىدى. قىسىم يېڭى قاچا تارقاتقاندا، ئۇ يېڭى قاچىنى ئىشلەتمەيلا باشقىلارغا بېرىۋېتىپ، ئۆزى يەنىلا كونا قاچىسىنى ئىشلەتكەن.

1941 - يىل قىشتا، جاڭ سىدې ۋە سەپداشلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان سەپەر ئۈستىدە، بىر ئاپتوموبىلنىڭ مۇز دەرياغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ شۇ ھامان ئاياغ، پايپاقلىرىنى سېلىۋېتىپ، سوغۇق سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك مۇز دەرياغا سەكرەپ چۈشكەن ھەم مۇز يارغان، ھەم ئاپتوموبىلنى ئىتتىرگەن.

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جاڭ سىدې روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنداق دېدى: «جاڭ سىدې بىزگە نېمىنىڭ ئەسكەر، نېمىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى».

2018 - يىلىدىن باشلاپ، جاڭ سىدې ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىم، يەنى قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭ باش ئەترىتىنىڭ مەلۇم قىسمى ھەر يىلى بىر قېتىم «جاڭ سىدېچە ياخشى ئوفىتسېر - ئەسكەر»لەرنى باھالاپ كەلمەكتە.

«جاڭ سىدېنىڭ ھەيكىلى يېنىدا تۇرسام، پېشقەدەم بەنجاڭنىڭ ئاياغ ئىزىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىسەم، ئۆزۈمدە ئىشلىتىپ تۈگەتكۈسىز كۈچ باردەك ھېس قىلىمەن» دېدى مەلۇم قىسىمنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى خەن يې 2021 - يىلى «جاڭ سىدېچە ياخشى ئوفىتسېر - ئەسكەر» بولۇپ باھالانغاندا.

روھ مەشئەلگە ئوخشاش قەتئىيلىك بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. خەلق ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھازىر ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ كۈچىنىڭ بارىچە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىش

جاڭ سىدې دائىم قويۇق سىچۇەن تەلەپپۇزىدا: «ئىشنى ھامان ئادەم قىلىدۇ!» دەيتتى، ئەستايىدىل، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولغان. پەقەت ئىنقىلابقا پايدىلىق، خەلققە پايدىلىق بولسىلا، ئۇ ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشقان.

بىر قېتىم قىسىم بىرلەشتۈرۈلۈپ باشقىدىن تەشكىللەنگەندە، جاڭ سىدې مەركىزىي مۇھاپىزەتچىلەر تۇەنىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، بەنجاڭدىن جەڭچىگە ئايلانغان. ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆز قىلىپ: «بەنجاڭ بولۇش ئىنقىلابنىڭ ئېھتىياجى، جەڭچى بولۇشمۇ ئىنقىلابنىڭ ئېھتىياجى، بەنجاڭ بىلەن جەڭچىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن پارتىيە ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمىتى ئوخشاش» دېدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، «پېشقەدەم بەنجاڭ»لار بەس - بەستە ئىدىيەۋى يۈكنى تاشلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلغان.

ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىسىدىمۇ جاڭ سىدې يەنىلا خالىس ئۆزىنى بېغىشلىغان.

1944 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يامغۇر يېغىۋاتاتتى، جاڭ سىدې بىلەن سەپداشلىرى ئادەتتىكىدەك تاغقا كىرىپ يېڭى خۇمدان كولىغان. تۇيۇقسىز خۇمدان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، جاڭ سىدې قىلچە ئىككىلەنمەستىن سەپداشلىرىنى خۇمداندىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتكەن. ئۇ، ھاياتلىق پۇرسىتىنى سەپداشلىرىغا قالدۇرۇپ، ئۆزى ئۆلۈمنى تاللىغان.

«بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىز پۈتۈنلەي خەلقنى ئازاد قىلىشنى مەقسەت قىلغان، پۈتۈنلەي خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ...» بۈگۈنكى كۈندە، يەنئەن شەھىرىدىكى جاڭ سىدې مەيدانىغا كەلگەن تۈركۈم - تۈركۈم ياشلارنىڭ ھەممىسى ئېگىزلىكى ئالتە مېتىر كېلىدىغان جاڭ سىدېنىڭ ھەيكىلىگە يۈزلىنىپ، مۇشۇنداق دېكلاماتسىيە قىلىدۇ. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ھەم مۇقەددەس ۋەدىسى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.