تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىمىز

− شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى كۆپ خىل شەكىلدە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. كۆپچىلىك قەتئىي ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچىمىزنى ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا مۇجەسسەملەپ، بۇرچىمىزنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، كۈرەش قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ئىرادىمىز، كۈچىمىزنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋالىمىز.

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چېگرا رايوننى قوغداۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ئوت كۈچى تۇەنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى تور، تېلېۋىزور قاتارلىقلار ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئۆگىنىش جەريانىدا، كۆپچىلىك پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى سىياسىي خىتابنامە، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، ئۇ مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ زور شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

بىر دۆلەت، بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئوت كۈچى تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭى چياڭ جىن مۇنداق دېدى: پارتىيە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى بېكىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ يېڭى ئەسكەرلەر 4 - تۇەنىدە، يېڭى ئەسكەرلەر مەشىق مەيدانىدىن چۈشۈپلا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتى.

يېڭى ئەسكەرلەر 4 - تۇەنىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنداق قارىدى: پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. داشۆسىڭ ئەسكەر لىن پېيسېن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى داۋامىدا، خەلق ئارمىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىنىپ، يېڭىباشتىن جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلاندى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ بىلەن ماس قەدەمدە ئاشتى، خەلق ئارمىيەسى يېڭى دەۋردىكى بۇرچى، ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، قەيسەرانە كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىدى. ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، مېنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئېتىقادىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى».

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم توپچىلار لۈسىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ھەم ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى. بۇ لۈدىكى مەلۇم ليەننىڭ جىداۋيۈەنى خۇ جېڭياڭ ئومۇمىي يىغىندا تەكىتلەنگەن پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ كۈرەشلەردە توپلانغان ئون جەھەتتىكى قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىگە قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبە، پارتىيە ۋە خەلق ئورتاق ياراتقان مەنىۋى بايلىق. بىز جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا بۇ قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك».

ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھېس قىلىش، ئەسكەرلەرنىڭ مەشىق قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش. چۆل - باياۋاندا مانېۋىر ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۇەنىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى مەشىق ئارىلىقىدا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. مەلۇم توپچىلار ليەنىنىڭ جىداۋيۈەنى دياۋ شياۋفېي مۇنداق دېدى: تۇرۇشلۇق جايىمىزنىڭ شارائىتى گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن بىز «جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقماسلىق» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي مەشىققە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن كىرىشىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان بولىمىز.

دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىر كېلىدىغان پامىر ئېگىزلىكىدە، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ مەلۇم ئالاھىدە ئۇرۇش تارماق ئەترىتى دالىدا تۇرۇپ مەشىق قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلنى جانلىق قوللىنىپ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگەندى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنداق بىلدۈردى: ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

ئۇلۇغ ئارزۇ كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ھەربىي گازارمىلاردا كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر غەيرەت - شىجائەتكە تولدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ جىداۋيۈەنى دۇ چىلىن مۇنداق دېدى: «بىز جەزمەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە شى جۇشىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى سادىقلىق بىلەن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىمىز».

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ نا، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ جىزۇڭ، چېن مىڭ، جاۋ شىنيۈ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.