تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ روشەن ئالاھىدىلىك ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرەيلى

− پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەنىڭ جېنى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىپ، ئەسىر ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشىنىڭ ئاچقۇچى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماس قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەشتە دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىققانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلدى، بىزنىڭ دۇنيادا ئەڭ چوڭ بولغان سىياسىي پارتىيەمىز ۋە نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلىتىمىزنى ياخشى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى، ئۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە نەتىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى باش ۋەزىپە پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش بىر پىشىپ يېتىلگەن ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور بولغان پارتىيە قۇرۇش پىرىنسىپى. پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى شۇنى ئېنىق بىلدۈردىكى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ياخشى چىڭ تۇرغاندا، پارتىيە ئىشلىرى گۈللىنىپ روناق تاپقان؛ ئەكسىچە بولغاندا، پارتىيە ئىشلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ئۇسۇلى تېخىمۇ ئىلمىيلىشىپ، پۈتۈن پارتىيە ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ بىرلىككە كېلىپ، سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەت جەھەتتە تېخىمۇ بىردەك بولدى، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈزبېرىشىدىكى تۈپ سەۋەب يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ بولغانلىقىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ بولغانلىقىدا.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا، كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇش مۇھىمنىڭ مۇھىمى، زۆرۈرنىڭ زۆرۈرى. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق بىلدۈردىكى: پۈتۈن پارتىيەدە يادرو بولغاندىلا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى بولىدۇ، پارتىيەنىڭ كۈچى بولىدۇ. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىتىش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمچى سىياسىيونلارغا خاس يۈكسەك جاسارەت، يىراقنى كۆرەرلىك، ئۇلۇغ ئىرادە ۋە دانا تەدبىر بىلەن، كۈچلۈك دولقۇندا ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئىچىدە ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى، بۇرچ، مەسئۇلىيىتى، خەلقچىل ھېسسىياتى، رەھبەرلىك سەنئىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھۆرمەت قىلىشى ۋە يۈكسەك ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دەل يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنى بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ قىياپىتى، دۆلەتنىڭ قىياپىتى، خەلقنىڭ قىياپىتى، ئارمىيەنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى بېكىتىش دەۋرنىڭ چاقىرىقى، تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ ئارزۇسى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغدىغاندىلا پۈتۈن پارتىيە ئۆلچىگۈچكە ئىگە بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى يۆلەنچۈككە ئىگە بولىدۇ، جۇڭخۇا «گۈللىنىش» ناملىق غايەت زور پاراخوت رولچىغا ئىگە بولىدۇ. دەل ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا چوڭقۇر قىلىپ كۆرسىتىلگەندەك: «پارتىيە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى بېكىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە»، ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يول باشلاپ رولچى بولسىلا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولسىلا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلسىلا، بىز چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز، چوقۇم يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتالايمىز.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈللەشكەنسېرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پەقەت پۈتۈن پارتىيەدە يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقنى قوزغىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ماس قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، پارتىيەمىز ئاندىن يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بىلەن ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتالايدۇ. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش كونكرېت بولىدۇ، «ئىككىنى قوغداش»نى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە نامايان قىلىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەمەلىي ئۈنۈمىدە نامايان قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك سۆز - ھەرىكىتىدە نامايان قىلىش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپىنى ئىچكى ئاڭلىقلىققا، ئىچكى تەشەببۇسكارلىققا ئايلاندۇرۇپ، دائىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى بويىچە تەلەپكە توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنئى قىلغاننى قەتئىي قىلماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، بىر نىيەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۆتكەن 100 يىلدا، پارتىيە خەلققە، تارىخقا بىر ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، پارتىيە جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا ئاتلاندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن بېكىتىلگەن نىشاننى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەيدىغان سەگەكلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.