تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىي يىغىن روھى ئارقىلىق بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئومۇمىي يىغىن روھى ئارقىلىق بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شېن يۇەنگېڭ، جياڭ شياۋۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، بىڭتۇەندىكى ھەردەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» بىر شانلىق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىشى ئۈچۈن ئېنىق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلاشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، تاراتقۇلار تەشۋىق قىلىش، مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش، نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلەشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، بىڭتۇەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسيە»سىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، «تۆت چوڭ رولى»نى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.