تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئىشتاتلىق كەنتلەردە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتى %92كە يەتتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭدا «تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش» خىزمىتى ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا كىردى، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشتاتلىق كەنتلەردە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتى %92 بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەرلەردە قۇرۇلغان تېز يوللانما ئاخىرقى ئۇچ تور نۇقتىلىرى 3664كە يېتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ %96.17ى تاماملاندى. بۇنى مۇخبىر 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىگەن.

كىچىككىنە پوسۇلكا چوڭ خەلق تۇرمۇشىغا تۇتىشىدۇ. بۇ يىل 4 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش»نى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ خىزمەت تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ كوچا باشقارمىلىرى(مەھەللىلەر)دا تېز يوللانما ئاخىرقى ئۇچ تور نۇقتىسى بىلەن تولۇق قاپلاش، ئىشتاتلىق كەنتلەردە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتىنى %95تىن ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بۇنى شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دېڭ مياۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن بۇرۇن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ ھەرقايسى كوچا باشقارمىلىرى(مەھەللىلەر)دىكى ھەر 10 مىڭ ئادەمگە ئاز دېگەندە تۆتتىن بەشكىچە تېز يوللانما ئاخىرقى ئۇچ تور نۇقتىسى ئۆلچىمى بويىچە، كوچا باشقارمىسى(مەھەللە) تېز يوللانما ئاخىرقى ئۇچ تور نۇقتىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ ئاز دېگەندە ئۈچ تېز يەتكۈزۈش ماركىسى مۇلازىمىتىنى ئىشتاتلىق كەنتلەرگە يەتكۈزۈش ئۆلچىمى بويىچە، ئىشتاتلىق كەنتلەرگە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتىنى %95تىن ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ يىل، شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم يىغىن ئېچىپ، «تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ «سورۇن بولۇش، خادىم بولۇش، بەلگە بولۇش، مال جازىسى بولۇش، قېتىم سانى مۇقىم تىرانسپورت بولۇش» تەلىپى بويىچە، كەنت دەرىجىلىك پوچتا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ - كېلىش تىرانسپورت لىنىيەسى ئۇزۇن، تەننەرخى يۇقىرى، تېز يەتكۈزۈشنىڭ كەنتلەرگە كىرىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بۇ قىيىن نۇقتا ۋە ئاغرىق نۇقتىلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. نۆۋەتتە، ئالتاي ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ھەم ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورناتتى.

سانجى ئوبلاستى «تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش»نى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ يىللىق مۇھىم خىزمىتى قاتارىغا كىرگۈزۈپ ھەم «نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىش»نى يولغا قويۇپ، تېز يەتكۈزۈشنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش، كەنتلەرگە كىرگۈزۈشتىكى «جەڭ خەرىتىسى»نى تۈزۈپ، سۈرئىتى بىرقەدەر ئاستا بولغان ناھىيە(شەھەر)لەردە نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويدى. بايىنغولىن ئوبلاستى «تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى «ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئىش تەقسىماتى»غا كىرگۈزۈپ، يېزا رايونلىرىنىڭ ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش - ئەشيا ئوبوروتى يول قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان «تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش» خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پوچتا بىلەن تېز يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى بويىچە «تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، پوچتا كارخانىلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەردىكى يوللانما يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى، يەتكۈزۈش نۆۋىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانمىلارنىڭ «ھەممىسىنىڭ كەنتلەرگە يەتكۈزۈلۈشى»گە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆپ ماركىلىق يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ رايون(ناھىيە) دەرىجىلىك ئورتاق ئەۋەتىش مەركەزلىرىنى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئورتاق تەقسىملەش تورى قۇرۇپ، مەركەزلىك ئايرىپ توشۇپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يەنە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «پوچتا بىلەن تېز يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى» «تېز يەتكۈزۈش بىلەن تېز يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى» «ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن تېز يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى» «قاتناش تىرانسپورت بىلەن تېز يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق «تېز يەتكۈزۈشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش»نى ئالغا سىلجىتتى.

دېڭ مياۋ مۇنداق قارىدى: تېز يەتكۈزۈشنىڭ يېزىلارغا كىرىشى چىقىشىنى ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئاندىن يېزىلارنىڭ ئەۋەتىش - يەتكۈزۈشتىكى قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: سانجى ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى «تېز يەتكۈزۈش + خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى» «سېتىش بىلەن توشۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»تەك يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باغ - ئورمان بازىسىدا تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت نۇقتىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، توردا ئالقىشلانغانلارنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مەھسۇلات سېتىشى ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.