تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىمىز

− ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمىي، تويا

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىمىزنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، كەڭ تەشۋىق قىلىش ھەم ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، ئوبدان مەسلىھەت بېرىپ، ياخشى چارە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىشقا جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ كۈچىنى قوشىدۇ.

جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى يوۋ جياڭبىن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، كەڭ جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى ئەزالىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ شىنجاڭ خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەيمىز.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن.» جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جەي جيەنفاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەر بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاشتەك خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، قىممىتى بار، سالمىقى بار تېخىمۇ كۆپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچ قوشىدۇ.

جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى باۋ ئەنمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئومۇمىي يىغىننىڭ چاقىرىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاۋاز قوشۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، نەشرىيات، تاراتقۇ ساھەسىدىكى ساھە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»قا ياردەم بېرىشكە كۈچ قوشىدۇ.

«بىز ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايمىز.» جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مېڭ چىڭسەي مۇنداق بىلدۈردى: ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجە يارىتىمىز.

«بىز ۋەتەنپەرۋەرلىك، دېموكراتىيە، ئىلىم - پەن ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىدىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ كىرىش نۇقتىسى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش يۆنىلىشىنى توغرا تېپىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى چۆرىدەپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، سىياسىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز» دېدى «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى لى ئەنمىن.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس سىرى گۇلېڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە قارىتا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مۇلازىمەت تىپىدىكى سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى»نى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

«ئومۇمىي يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى كىشىنى ئىنتايىن روھلاندۇرىدۇ، تولىمۇ ئىلھاملاندۇرىدۇ.» پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زات، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بۇھەجەر ئابلا مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، سىياسىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يېڭى مۇساپىسىدە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.