تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى شىنجاڭغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ بۇ مەيدان پائالىيەت سىزگە بۇنى ئېيتىپ بېرىدۇ

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى سۇن نەن، زوۋ دوۋېي، دۇڭ بوتىڭ

ھەمكارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى، تۆمۈريول پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرگە تۇتاشتۇرۇلدى، پۇقراۋى ئايرودۇرۇملارنىڭ ئومۇمىي سانى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇردى... 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «2021 - يىل. جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»دە، يىغىنغا قاتناشقان 110دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مېھمان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا قىزغىن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، پائال تۈردە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ھەمكارلىق، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، دۇنياغا تېخىمۇ ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايان قىلىشقا ئەقىل - چارە كۆرسەتتى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشنى تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتى قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.» مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جياڭ جيەنگو ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم يولغا، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشى، ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى مۇھىم ھالقىغا ئايلاندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات پۇرسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ دەرۋازىسىنى بارغانسېرى چوڭ ئاچتى، نۆۋەتتە ئالاقىدار ھەمكارلىق 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى.

ئارگېنتىنانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نارۋاجا مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىر تۈرلۈك مىسلى كۆرۈلمىگەن تەشەببۇس، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشەببۇس، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتكەن، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، يۇغۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇنداق تەشەببۇس ئىنتايىن قىممەتلىك. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئارگېنتىنا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، شىنجاڭ يەنە ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ئارگېنتىنا بۇنىڭغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ.

ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدا پىتنە - ئىغۋا تارقاتقانلىقى، شىنجاڭغا قارا چاپلىغانلىقى، بوھتان چاپلىغانلىقىغا قارىتا، يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك زاتلار ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىدىكى ھەقىقىي شىنجاڭنى تونۇشتۇردى.

ئىلگىرى شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان نارۋاجا ئۆزىنىڭ يەرلىك مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەن، كارخانىلارنى زىيارەت قىلغان جەرياننى تونۇشتۇردى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ شىنجاڭغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن ئالاھىدە. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ياردىمىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.

بۇ يىل جۇڭگو - لائوس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە جۇڭگو - لائوس دوستلۇق يىلى. لائوسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كەنباۋ. ئىنتاۋان مۇنداق بىلدۈردى: جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئاساسىدىكى لائوس - جۇڭگو ھەمكارلىق تۈرلىرىمۇ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ.

«دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان شىنجاڭنى ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، كۆپچىلىكنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!» دېدى ئەركىن تۇنىياز.

بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى باش تېما قىلىنىپ، سودا - سانائەت ساھەسى، مەدەنىيەت تارقىتىش ساھەسى، ئىلىم - پەن ساھەسىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق مۇنبەر تەسىس قىلىندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.