تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ياخشى نەتىجىلەرنى ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى​

ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ياخشى نەتىجىلەرنى ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

100 يىللىق كۈرەش ئەسىر ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، ئۇلۇغ ئارزۇ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ياخشى نەتىجىلەرنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى:

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېز قوزغايمىز

11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. تەشۋىقات سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگىنىشتە ئالدىدا مېڭىش، قىلىشتا ئالدىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش لايىھەسى تۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ، شەرھلەشنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى مۇتەللىپ ئابدۇقادىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ، ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز. تاراتقۇلاردا تەشۋىق قىلىش، مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش، نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلەشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تارىخىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، غەيرەت - شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەيمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ۋاڭ كۇيرەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە كۈچەپ، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئىقتىدار، ساپاسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى:

ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمىز

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئارقا - ئارقىدىن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدا ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى پىلانلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسپى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە، سودا، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق بۆلەكلەردە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق، «تۈۋرۈك»لۈك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىنى قوشىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى:

تەبىئىي بايلىق خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىمىز

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ شىڭگۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي بايلىق خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پىلانلاش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۇپراق بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداشتىكى «بىر ئۇلۇغۋار پىلان»نى شەكىللەندۈرىمىز. يەر ئامىلى تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەردە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش كاپالەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خەلق تۇرمۇشى ۋە مۇھىم، زور تۈرلەرگە يەر ئىشلىتىشتە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرىمىز. «بايلىق + فوند + كەسىپ» سۇپىسى بەرپا قىلىپ، قېزىلما بايلىقلارنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىمىز. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرىمىز. «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى، يېشىل تەرەققىياتنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرىمىز.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى:

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

يېقىندا، ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ساۋ لېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پورتتا يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كۈچ قوشىمىز؛ پورتنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننى پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز؛ پورتنىڭ سەھىيە كارانتىن مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ ئوچۇق ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشىمىز.

(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، ۋاڭ يايۈن، چېن چياڭۋېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.