تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«ئىلى نانلىرى» ياۋروپا بازىرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى

1 مىليون ئۆزگىچە نان رۇسىيەدە تاماق ئۈستىلىگە چىقتى

​«ئىلى نانلىرى» ياۋروپا بازىرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر لى يافېڭ خەۋەر قىلىدۇ: بىر ئاپتوموبىل، ئىككى ئاپتوموبىل، ئۈچ ئاپتوموبىل... 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، 1 مىليون ئىلى نان مەھسۇلاتلىرى لىق قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى قورغاس پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتۈپ، تۇنجى قېتىم رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىنىپ، 1 - قېتىم ياۋروپا دۆلەتلىرى بازىرىغا كىردى.

«سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار بويىچە يېقىلغان 1 مىليون ياغلىق توقاچ بۈگۈن يولغا چىقىدۇ، تەخمىنەن بەش كۈندىن كېيىن رۇسىيەگە يېتىپ بارىدۇ.» «بولىدۇ، كۆپ رەھمەت! بۈگۈنكى كۈندە، رۇسىيەدە سىلەرنىڭ نېنىڭلارغا بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ، بىز يەنە داۋاملىق زاكاز قىلىمىز...» شۇ كۈنى، قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ يۈك قاچىلاش نەق مەيدانىدا، قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ يان تېلېفوندا سىن ئارقىلىق رۇسىيەلىك سودىگەر ۋولودىيە سېكدىيېۋ بىلەن تۇنجى تۈركۈمدىكى نان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىش، تاموژنىدىن ئۆتۈش ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كىچىككىنە نان ئارقىلىق چوڭ كەسىپكە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 12 نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، ئىلى نانچىلىق كەسپىنىڭ تەدرىجىي ھالدا كۆلەملىشىش، بازارلىشىشتىن ئىبارەت خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، نانچىلىق كەسپىدە جەمئىي 717 مىليون يۈەن سېتىش كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان.

قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا، 100دىن ئارتۇق خىزمەتچى تونۇر ئالدىدا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ھالدا نان يېقىۋاتاتتى. كۈنجۈت نان، ياغلىق توقاچ... ھەر خىل تەمدىكى ئىلى نانلىرى ناۋاي ئۇستاملارنىڭ ئەپچىل قوللىرىدا راسلىنىۋاتاتتى، تونۇرغا يېقىلىۋاتاتتى، تونۇردىن چىقىۋاتاتتى.

«سارغىيىپ پىشقان مايلىق توقاچلاردا ھەم ناننىڭ خۇش ھىدى، ھەم پېچىنە - پىرەنىكلەرنىڭ مەززىلىك تەمى بار.» ناۋاي ئۇستام زىبىبۇللام ئىبراھىمنىڭ ئېيتىشىچە، ياغلىق توقاچلارنى ئۇ بىرنەچچە ناۋاي ئۇستام بىلەن بىللە تەتقىق قىلىپ چىقىپتۇ.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىلى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ توپلىنىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت «ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىق»نى تەھلىل قىلىپ، مەھسۇلات خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «نان+» ئەندىزىسىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ناننى تۈر، تەم، ئۆلچەم بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى زورايتىپ، ئىلى نانلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىش قەدىمىنى تېزلەتتى. 2020 - يىلى 6 - ئايدا، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا يۈزلەنگەن قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئېچىلىشى ئىلى ئوبلاستىنىڭ يەرلىكنىڭ نان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى ۋە پورتنىڭ چېگرا ھالقىغان سودا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «يول ئىقتىسادى»نى «پورت ئىقتىسادى» «ئەمەلىي ئىقتىساد»قا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت تەدبىرى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شۇ جايدىكى نانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلىمى كۈنىگە 3 مىليون 100 مىڭ نان يېقىش سەۋىيەسىگە يەتكەن. ئۆتكەن بىر ھەپتىدىلا قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئۆزگىچە نان مەھسۇلاتلىرىدىن 5 مىليون 700 مىڭنى ئېكسپورت قىلىپ، يەككە قېتىملىق ئېكسپورت رېكورتىنى ئارقا - ئارقىدىن يېڭىلىغان. باغچە رايونى بىلەن پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقىنىڭ پايدىسىدا، ئەنئەنىۋى نان يېقىش ھۈنەر - سەنئىتى قاقلاپ پىشۇرۇش ھۈنەر - سەنئىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، 70 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان تەمدىكى ئىلى نان مەھسۇلاتلىرى تەتقىق قىلىپ چىقىلىپ، نان مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەت ئەل ئىستېمالچىلىرىغا بولغان ماسلىشىشچانلىقى ۋە مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئاشۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشلامچى تاشقى سودا كارخانىلىرىنى سىرتقا سېتىلىدىغان نان مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش، ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىلىنىڭ نانچىلىق كەسپى تېز تەرەققىي قىلغان.

قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يۇڭنىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «قورغاس يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلى نان مەھسۇلاتلىرى يۈرۈشلۈكلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىپ، يىل ئاخىرىغىچە مەھسۇلات قىممىتىنى 300 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.