تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش بويىچە مەركەز 16 - نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش بويىچە نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش بويىچە مەركەز 16 - نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش بويىچە نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. مەركەز 16 - نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى فۇ جىفاڭ نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۈ خەيبىن ۋە مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى يىفېي، تيەن شياڭلى، چېن مىڭگو، ياڭ يۇڭ، ما گوۋېي، باھارگۈل سەمەت، پۇ شىيۈ، لى يوڭجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن يىغىندا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

فۇ جىفاڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2 - تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي قانۇن پولات قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي يۆنىلىش، مەسىلە يۆنىلىشى، مەسئۇلىيەت يۆنىلىشى، خەلق رايى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ساداقەتمەنلىك تەربىيەسى، تەكشۈرۈش - تۈزىتىش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى گەۋدىلەندۈردى. 2 - تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ساداقەتمەن ساقچى روھىنى مۇستەھكەملەش، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىنتىزام ئىستىلىنى چىڭىتىش، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتى. لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش، سىياسىي قانۇن خىزمىتى، قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەزى خىزمەتلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى بىلەن يەنىلا بەلگىلىك پەرق مەۋجۇت، يەنە بەزى مەسىلىلەر تېخى تولۇق ھەل قىلىنمىدى، كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىك يەنىلا مەۋجۇت.

فۇ جىفاڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، زەھەرنى تازىلاشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش ۋە ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، يىپ ئۇچىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ بېجىرىشتە يەنىمۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كەسكىن ھالدا ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، كۆپچىلىككە زىيان سالىدىغان زىيانداشلارنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، جاھىل كېسەللىكنى تۈزەشكە يەنىمۇ كۈچەپ، دائىملىق تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تۈزەش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە نوپۇزىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ، دېلولارنى باھالاپ تەكشۈرۈش مەخسۇس تۈرى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە جەلپ قىلىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قوشۇن باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، «مەن ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساقچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچلۈك، زاپاس كۈچىنىڭ تولۇق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز 16 - نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىنى كۈچلۈك يېتەكچىلىك ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە، بولۇپمۇ سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش پىكرىدە، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، چوڭقۇر، ئورۇنلۇق، مەسىلىلەر دەل جايىدا تېپىپ چىقىلغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، قاراتمىلىققا، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە. بىز سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىپ، نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشتە «قايتا قاراپ چىقىش»نى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، سالماقنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي قانۇن پولات قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.