تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىگە بولغان چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى

​− پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جېنى ۋە بايرىقى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقانلىقى چوڭقۇر تەتقىق قىلىندى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانلىقى، «نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش»نى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئون تۈرلۈك تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ بىرى قىلىپ يىغىنچاقلىغانلىقى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا چوڭقۇر ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

نەزەرىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى يېڭىلىق يارىتىشتا. ماركسىزم جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگومۇ ماركسىزمنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە بېيىتتى. پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھەر قېتىملىق ئىزدىنىش، ھەر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىق، ھەر قېتىملىق يول ئېچىش داۋامىدا جۇڭگودىكى باشقا تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئورۇندىشى مۇمكىن بولمىغان مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىدا، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغانلىقىدا، ئەمەلىيەتنىڭ ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقىدا، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالىغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا. يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيەمىز ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى ياراتتى، بۇ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى تۇنجى قېتىملىق تارىخىي ھالقىش. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، پارتىيەمىز دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى يارىتىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدە، پارتىيەمىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يارىتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيەمىزنىڭ تارىخى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيە يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزم دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ئىلمىي ھەقىقەت، ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقەتلىكى جۇڭگودا تولۇق سىناقتىن ئۆتتى، ماركسىزمنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى جۇڭگودا تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ماركسىزمنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە دەۋرچانلىقى جۇڭگودا تولۇق نامايان قىلىندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىگىلەپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى تولۇق ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، قانداق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش كېرەك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەتنى قانداق قۇرۇش كېرەك، قانداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش كېرەك، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك قاتارلىق مۇھىم، زور دەۋر تېمىلىرى ھەققىدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە دائىر بىر قاتار ئىجادىي يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ − شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئاساسىدا، «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى يەنىمۇ يىغىنچاقلىدى. «قارار»دا يەنە يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى 13 جەھەتتىن ساھە بويىچە يەكۈنلەندى ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىجادىي قاراش ۋە ئىدىيەلەر نۇقتىلىق يىغىنچاقلاندى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق ياراتقانلىقىنىڭ مۇھىم، زور نەتىجىسى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋرىمىزدىكى جەۋھىرى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى. پارتىيە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ چېكى يوق. بىز باتۇرلۇق بىلەن يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى نەزەرىيە ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا ماھىر بولساقلا، چوقۇم ماركسىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقىقەت كۈچىنى جۇڭگو زېمىنىدا نامايان قىلدۇرالايمىز. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.