تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھاجەتخانىلار يېڭىلاندى، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەللەشتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، چىڭگىل ناھىيەسى سار توقاي يېزىسى سارقارىن كەنتىنىڭ ئاھالىسى جېكىن سېتېكنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىش تاماملاندى. مۇخبىر سۈت رەڭ چىنە خىشلارنىڭ پاك - پاكىز سۈرتۈلگەنلىكىنى، زوڭزىيىپ ئولتۇرىدىغان ھاجەتخانا ئورنىتىلغانلىقىنى، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئايال ساھىبخاننىڭ ھاجەتخانىنىڭ سۇ ساندۇقىغا چىرايلىق ياپقۇچ يېپىپ قويغانلىقىنى كۆردى.

«ھەقىقەتەن پاكىز ئىكەن!» يېڭىلا پۈتكەن ھاجەتخانىنى كۆرگەن جېكىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ سۈيى يوق ھاجەتخانىسى ھاۋا ئىسسىغان چاغدا پاشا، چىۋىنلار بىلەن تولۇپ كېتەتتى، ھەم مەينەت، ھەم سېسىق بولۇپ، سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايتتى!»

كىچىك ھاجەتخانا، چوڭ خەلق تۇرمۇشى. ھاجەتخانا مەسىلىسى ھەم يېزا - كەنت مۇھىتىنى تۈزەشتىكى قىيىن نۇقتا، ھەم تۈزەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ سارقارىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، ھاجەتخانىلارنى ياخشىلاش، قاتناشنى ياخشىلاش» تەلىپى بويىچە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، پۈتۈن كەنتتە يېزا ئاھالىلىرى ئىشلىتىدىغان پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

«كۆپچىلىك كونا تۇرمۇش شەكلىگە كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بۇنى ھەممىلا ئادەم چۈشىنىپ كەتمىدى». خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شيې مىن مۇنداق دېدى: بۇ كەنتتە 234 ئائىلە، 858 ئادەم بار بولۇپ، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلدۇق.

كەنت ئاھالىلىرىنى «ئۆزگەرتىشنى خالىماسلىق»تىن «ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش»قا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئالاقىدار سىياسەتلەر ۋە ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ پايدىسىنى كەنت ئاھالىلىرىگە تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى، «ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتسەك، كەنت ياردەملىشىپ قۇرۇلۇش ئەترىتى ۋە ماتېرىياللارنى ئالاقىلىشىپ بېرىدۇ، يەنە ياردەم تولۇقلىمىسى بار. يېڭى ھاجەتخانىلارنى ئىشلەتكەندە پاكىز بولۇپ، پايدىلىق تەرەپلىرى نۇرغۇن».

خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش سېپىگە قوشۇلدى. «ئائىلىمىزنىڭ ھاجەتخانىسىغا چىنە خىش چاپلاۋاتىمىز، بالدۇرراق ئۆزگەرتىپ پۈتكۈزۈپ، بالدۇرراق ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» كەنت ئاھالىسى مۇرات نۇرخۇمار كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ باقتىم، ھەقىقەتەن ناھايىتى پاكىز ئىكەن، ئازراقمۇ سېسىق پۇراق يوق ئىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە سارقارىن كەنتىنىڭ يوللىرى رەتلىك - پاكىز بولۇپ، ھاۋاسى ساپ، ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە ۋە جۇشقۇنلۇققا تولدى. «بۇ بىرنەچچە يىلدا، كەنت مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى چىڭ تۇتقاچقا خېلىلا چىرايلىق بولۇپ قالدى. ھاجەتخانىلارمۇ يېڭىلاندى، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەللەشتى» دېدى مۇرات خۇشال ھالدا.

نۆۋەتتە، بۇ كەنتتىكى 90 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى، باشقا كەنت ئاھالىلىرىمۇ ھاجەتخانىلىرىنى جىددىي ئۆزگەرتمەكتە.

ھاجەتخانىلار ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، گەندە، بۇلغىمىلارنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى، بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ سارقارىن كەنتى زىيانسىز پاكىز ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى بويىچە، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش بىلەن ئۆينى ئۆزگەرتىش، ئاشخانىنى ئۆزگەرتىش، قوتاننى ئۆزگەرتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، گەندە، بۇلغىمىلارنى تۈزەشنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، سۇ تېجەش تىپىدىكى چايقاپ يۇيۇش ئەسلىھەسىنى قوللىنىشنى كېڭەيتىش، ھاجەتخانىدىن چىققان گەندە، بۇلغىمىلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ياكى پاسكىنا سۇ تۇرۇبا تورىغا كىرگۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قويۇپ بېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، گەندە، بۇلغىمىلارنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش ھەم يېزا - كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلىدى، ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە بىز يېزا <ھاجەتخانا ئىنقىلابى>نى ئالغا سىلجىتىشنى داۋاملىق تېزلىتىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمىز» دېدى شيې مىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.