تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاممىنىڭ «باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلىرى»نى «كۆڭلىدىكىدەك ئىشلار»غا ئايلاندۇرۇش

− ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 12345 مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ سۇپا 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ 12345 قىزىق لىنىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەدىن 32نى بىرلەشتۈرۈپ، «1 + 14 + N» مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر نومۇر ئارقىلىق ھەرقايسى قىزىق لىنىيەلەرنى ئۇلاش، بىر نومۇر ئارقىلىق ھەرقايسى تارماقلارنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىگە قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ غەم قىلىۋاتقان ئىشى، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشى، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشىنى خاتىرجەم بولىدىغان ئىش، كۆڭلىدىكىدەك ئىش، قەلبنى ئىللىتىدىغان ئىشقا ئايلاندۇرۇش. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال بولغان خەلق تۇرمۇشىدىكى بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇردى.

«قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى مۇلازىمەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى مالىيە باشقارمىسىنىڭ كادىرى ليۇ خۇي شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تورىنى ئېچىپ، «مەن تۇغقىنىم ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېگەن مەخسۇس رايوننى چەكتى، ئاندىن يەنە «ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى»نى چەككەندىن كېيىن، قوشماقلاشقان تۇغقىنى تۇرسۇن توختىنىڭ كىملىك نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ، ناھايىتى تېزلا تۇغقىنىغا ياردەملىشىپ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىردى. « <مەن تۇغقىنىم ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىمەن> مەخسۇس رايونى ئېچىلغاندىن كېيىن، تۇغقىنىمغا ياردەملىشىپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تېخىمۇ قولايلاشتى» دېدى ليۇ خۇي خۇشال ھالدا.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تورىغا «مەن تۇغقىنىم ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىمەن»، بىر بېكەت شەكلىدىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، بىر بېكەت شەكلىدىكى كارخانا مۇلازىمىتى، «ياشانغانلارغا توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق مۇلازىمەت مەخسۇس رايونلىرىنى تەسىس قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر بېكەت شەكلىدىكى كارخانا مۇلازىمىتى مەخسۇس رايونىدا بېجىرىلگەن ئىش جەمئىي 58 مىڭ 93كە يەتتى، «ياشانغانلارغا توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىش» مەخسۇس رايونى 1 مىليون 760 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى سۇپىسى دۆلەت مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى سۇپىسى بىلەن ئۆزئارا تۇتىشىش، ئۆزئارا راۋانلىشىش ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلىغان، بەش دەرىجىلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىكى 3813 تارماقنى قاپلاپ، رويخەتكە ئالدۇرغان ئابۇنىچىسى 12 مىليون 730 مىڭغا يېتىپ، كارخانا، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشتە «بىر تور»غىلا چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇ سۇپىغا تايىنىپ مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە بېجىرىشنى قانات يايدۇرغان، ھازىر 80 مىڭ 306 ئىش تۈرىدە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان، 81 مىڭ 53 ئىش تۈرىدە پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، 26 كەسىپتىكى 383 ئىش تۈرىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە باشقا جايدا بېجىرگىلى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى يەنە تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دائىملىق تەرتىپ، مەخسۇس تۈر بويىچە، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، تۈزىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كەم - كوتسىز تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، ماسلاشتۇردى. ھازىرغا قەدەر، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى تولۇق قاپلاپ نازارەت قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تۈزەش جەھەتتىكى مەسىلىدىن جەمئىي 74نى بايقىدى ھەم تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

«ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش» قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ ئالقىشقا ئېرىشتى

«5007 - يول تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدە بۈگۈن قاتناش باشلىنىپ، تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، ھەقىقەتەن ئاممىغا زور قولاي بولدى!» 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىسى تەن ئەپەندى قىسقا سىن سۇپىسىدا بىر سىن تارقىتىپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 1 - ئايدا، تەن ئەپەندى «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش» سۇپىسىدا سۆز قالدۇرۇپ، D007 - يول لىنىيەسىدىكى ئاممىۋى قاتناشنىڭ توختاپ قېلىپ لىنىيە بويىدىكى ئاممىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغانىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسى بىلەن تەتقىق قىلىش، دەلىللەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم 3 - ئايدا تەن ئەپەندىنى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇندىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدى. بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن نەق مەيداندا مۇنداق جاۋاب بېرىپ: بەينياۋخۇ تەۋەلىك رايونىنىڭ ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىشى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2021 - يىللىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، پائال ئالغا سىلجىتىلىدۇ، دېدى. 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، 5007 - يول تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدە قاتناش باشلاندى، 5201 -، 5031 - يول قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەڭشەلدى.

ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار دەل خىزمەتتىكى كۈچەش نۇقتىسىدۇر. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 28 ناھىيە، شەھەر، رايونغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، «قايتا قاراپ چىقىش» ۋە «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش» سۇپىسىدىكى ئامما قالدۇرغان بىر تۈركۈم سۆز، يىپ ئۇچىنى نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش ئارقىلىق، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر تۈركۈم «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

«بىز ئامما قالدۇرغان سۆز، يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بېجىرىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلارنىڭ <نۇقتا>دىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، <دائىرە>دىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانا، ئاممىنىڭ ئالدىراۋاتقان، ئۈمىد قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قارىتا ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاۋ جيې.

11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بېجىرگەن مەسىلە، يىپ ئۇچى جەمئىي 2494 پارچە بولۇپ، 82 مىڭ 21 ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى. ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشتىكى تۈرلۈك تۈزۈم، تەدبىرلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلۇش ساھەسىدە نېسى قالغان 129 مىليون 200 مىڭ يۈەن قۇرۇلۇش پۇلىنى ئېنىقلىدى، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ نېسى قالغان 2 مىليون 511 مىڭ 900 يۈەن ئىش ھەققىنى ئېنىقلىدى.

بىر پارتىيە ئەزاسى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى بىر بايراق

«كۆزۈم ساقايسا، ھەممىدىن بەك ئانامنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايىنى كۆرگۈم بار» دېگەنىدى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى توپىچاق كەنتىدىكى 14 ياشلىق ئۆسمۈر ئابدۇغېنى مامۇت جۇڭشەن داشۆ جۇڭشەن كۆز كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ ئوپېراتسىيەخانىسىغا كىرىش ئالدىدا. ھازىر، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئابدۇغېنى ئارزۇسىغا يەتتى.

ئابدۇغېنى شۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ توپىچاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ پائال ئالاقىلىشىشى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گۇاڭجوۋدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ ئاندىن گۇاڭجوۋغا بېرىپ كۆز مۈڭگۈز پەردىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرالىدى. «خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغىلارغا رەھمەت، سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار ماڭا قايتا يورۇقلۇق ئاتا قىلدى» دېدى ئابدۇغېنى.

بىر پارتىيە ئەزاسى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى بىر بايراق، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىغا قويۇپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى مەدەنىيەت مەيدانىدىن 26نى، پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت ئۆيىدىن 27نى، كەنت دەرىجىلىك «تۆت تارىخ» سارىيىدىن 22نى قۇردى؛ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغىدىن 13 مىليون 983 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى بېجىردى؛ 300دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش» پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشتى، بۇنىڭدىن نەپ ئالغان ئامما 47 مىڭ 200 گە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.