تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، «بۇرۇن بىز نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىدۇق» «كەلگۈسىدە قانداق قىلساق ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز» دېگەننى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە ۋە خەلق 100 يىل كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى خەلققە بەخت ياراتقان تارىخ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن تارىخ، پارتىيە ۋە خەلق قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولغان تارىخ. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاقسۇ بارغانسېرى گۈزەللەشتى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى باشتىن - ئاخىر قەلبىدە چىڭ ساقلايدۇ. پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

«بىز پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەردىن ئۈزلۈكسىز ھالدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىمىز.» تۇرپان شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر جۇ گوفېڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدىكى تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ پىكىر يولىنى ياخشى پىلانلاپ، تۇرپان شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز».

غۇلجا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جيا خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، تارىخىي بۇرچ كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن تەجرىبە ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.

بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز

بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇدا كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىشقا موھتاج.

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ شۆفېڭ ئىنتايىن روھلاندى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم دوكلاتى، مۇھىم چۈشەندۈرۈشى، مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غايە - ئېتىقادنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى.» بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، خوتەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ جى مۇنداق دېدى: بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جاسارەت بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ شىنخۇەي مۇنداق دېدى: بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل سودىگەرلىرىنى مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، كورلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىمىز.

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىرادىدىن قايتماي خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيە جەزمەن خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

«مەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن بازاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە پائال يېتەكلەپ، دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما باش قاتۇرىدىغان، غەم قىلىدىغان، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلارنى بارلىق ئامال - چارىلەر بىلەن ھەل قىلىمەن» دېدى يەكەن ناھىيەسى ئودانلىق بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ لېي.

كۇچا شەھىرىنىڭ ئاغى يېزىسى ئاغى كەنتىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت كادىرلىرى بىلەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى بىرلىكتە ئەستايىدىل ئۆگەندى. ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسىنىڭ ئاغى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: قىش پەسلى يېتىپ كەلدى، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى قىش پەسلىدىكى ئىسسىنىش قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى ئازاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى جاڭ جىگو ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: خىزمەت ئەترىتى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، مەۋقەنى ئازاق كەنتىنىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تىرىشىپ ئازاق كەنتىنى گۈزەل يېزا - قىشلاق، يېزا - كەنت، زامانىۋى بولغان ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يېزا - كەنت، ئىستىراھەت ساياھەت يېزا - كەنتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار خې جياڭ، جەزىرە نېسىپبېك، گې يوۋجۈن، پەرىزات ئابدۇل، دۇ جيەنخۇي، راھىدە، ۋېي يۇڭگۇي، سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.