تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرەيلى

− پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيەنىڭ تارىخى ئەڭ جانلىق، ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە دەرسلىك، پارتىيەمىز ئەزەلدىن تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيەمىزنىڭ قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئۈزلۈكسىز تۈردە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ كەلدى، ئۈزلۈكسىز تۈردە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، خىرىسنى كۈتۈۋېلىش، خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ كەلدى.

100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئىلگىرىلەش داۋامىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىق داۋامىدا جاسارەتكە تولۇپ، يەكۈنلەش داۋامىدا يۈكسىلىپ، قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى توپلىدى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مۇستەقىل - ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو يولىدا چىڭ تۇرۇش، دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، دادىل كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىرلىك سەپتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت تۈپ خاراكتېرلىك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە ئون تۈرلۈك تارىخىي تەجرىبە يىغىنچاقلاندى. بۇ ئون تۈرلۈك تارىخىي تەجرىبە سىستېمىلىق، مۇكەممەل، ئۆزئارا تۇتاشقان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى تۈپ كاپالەتنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىدىكى كۈچ مەنبەسىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىدىكى تۈپ سەۋەبنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىشىدىكى تۈپ يولنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە رېئال يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيەنىڭ تەجرىبىلىرىنى پارتىيەمىز جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن بوران - چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرىپ ئۇزاق مۇددەت ئىزدىنىش داۋامىدا توپلىغان بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەت - مەغلۇبىيەت ۋە ئىگە بولۇش - مەھرۇم بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قان ۋە تەر مۇجەسسەملەنگەن، ئەقىل - پاراسەت ۋە باتۇرلۇق - جەسۇرلۇققا تولغان. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا رەھبەرلىك قىلىدىغان يادرولۇق كۈچ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى تارىخىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، بۈگۈنكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ بولغانلىقىدا؛ پارتىيەنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە، خەلق پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچى؛ ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە، ماركسىزم نەزەرىيەسى دوگما ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، جەزمەن ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك، جەزمەن جۇڭگوچىلاشتۇرغاندىلا ئاندىن ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىدۇ، يەرلىكلەشتۈرگەندىلا ئاندىن كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ؛ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ جېنى، بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم پىرىنسىپىمىز، ئۆز يولىدا مېڭىش پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن چىقىرىلغان تارىخىي يەكۈن؛ يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ، پارتىيە 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا باشتىن - ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا يول ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە ئۇنى شەكىللەندۈردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان داغدام يول؛ داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ، پارتىيە باشتىن - ئاخىر ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە دۇنياۋى نەزەر بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ئېقىنى، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش چوڭ ۋەزىيىتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات چوڭ تارىخىي نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇردى، ئىنسانىيەت تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇردى؛ ئىش قانچە ئۇلۇغ بولغانسېرى، شۇنچە جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇغا تولغان بولىدۇ، شۇنچە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشقا، شۇنچە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، بۇرۇنقىلار مېڭىپ باقمىغان يولدا ماڭدى؛ كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭىلمەس قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى، پارتىيە ۋە خەلق قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، باشقىلار ئىلتىپات قىلغانمۇ ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن؛ ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئەڭ كەڭ بىرلىك سەپ قۇرۇش پارتىيەنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر؛ باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشقا سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى پارتىيەنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشىدىكى كۈچلۈك تىرەك. «قارار»دا مۇپەسسەل يىغىنچاقلانغان ئون تۈرلۈك تارىخىي تەجرىبىلەر ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر، پارتىيە ۋە خەلق ئورتاق ياراتقان مەنىۋى بايلىق بولۇپ، ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم يېڭى دەۋر ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش يولىنى ئەسلەپ، ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بىز جەزمەن پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يادروسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، چوقۇم پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز؛ بىز جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر دېگەننى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىش يولىدا ماڭساقلا، چوقۇم خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى جۇڭگو خەلقىدىن ئايرىۋېتىشكە، قارىمۇقارشى قىلىپ قويۇشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق غەرەز مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ؛ بىز باتۇرلۇق بىلەن يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى نەزەرىيە ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا ماھىر بولساقلا، چوقۇم ماركسىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقىقەت كۈچىنى جۇڭگو زېمىنىدا نامايان قىلالايمىز؛ بىز مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم چەت ئەلنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلساق، ھەم مىللەتنىڭ غۇرۇرى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، رەزىللىكتىن قورقمىساق، بېسىمدىن قورقمىساقلا، چوقۇم جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى باشتىن - ئاخىر ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتالايمىز؛ بىز ھەم بېكىنمە، قاتمال كونا يولدا ماڭماي، ھەم بايراق ئالماشتۇرىدىغان قىڭغىر يولدا ماڭماي، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ماڭساقلا، چوقۇم دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز؛ بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەم ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، دۇنيادىكى بارلىق تەرەققىيپەرۋەر كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، باشقىلارغا تايانماي، باشقىلارنى تالان - تاراج قىلماي، مەڭگۈ زومىگەر بولمىساقلا، چوقۇم ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، تارىخ چاقىنىڭ پارلاق ئىستىقبالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولالايمىز؛ بىز دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، خەلقنىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، مەڭگۈ قاتماللاشماي، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالمىساقلا، چوقۇم كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان تېخىمۇ كۆپ جاھان مۆجىزىلىرىنى يارىتالايمىز؛ بىز يېڭى، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى تاشلاپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىسەكلا، چوقۇم ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭەلەيمىز؛ بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرسەكلا، چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز؛ بىز پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلىساقلا، چوقۇم پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قەلبكە پۈكۈشتە، 100 يىل پەقەت بىر مۇقەددىمە. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، قەيسەرانە كۈرەش قىلساق، بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، بىز جەزمەن بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، يېڭى سەلتەنەتلىك سەھىپە پۈتەلەيمىز، يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.