تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەمۇرىي كەنتلەرگە 5G تورىنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتى %80كە يەتكۈزۈلىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش ساھەسىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى ئېلان قىلىندى

2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەمۇرىي كەنتلەرگە 5G تورىنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتى %80كە يەتكۈزۈلىدۇ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەننىڭ شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش ساھەسىنىڭ <14 - بەش يىل>لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ) بېسىپ تارقىتىلغان. «يىرىك پىلان»دا: 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 5G تورى ئابۇنىچىلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %56كە يەتكۈزۈش، مەمۇرىي كەنتلەرگە 5G تورىنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتىنى %80كە يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«يىرىك پىلان»دا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تىرەك بولۇش، شىمالىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بەرپا قىلىش نىشان قىلىنىپ، يېڭى تىپتىكى ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە ئورۇنلاشتۇرمىسى، رەقەملەشتۈرۈپ ئەمەلىي قوللىنىش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىش، يېڭى تىپتىكى كەسىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، تور بىخەتەرلىكى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت ئاساسلىق ۋەزىپە چۆرىدىلىپ، 20 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر، 12 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«يىرىك پىلان»دا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيەت بويىچە پىلانلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، 5G تورى ئابۇنىچىلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %56كە يەتكۈزۈش، مەمۇرىي كەنتلەرگە 5Gنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتىنى %80كە يەتكۈزۈپ، 1000 مېگابايتلىق ئوپتىك تالالىق ئۇچنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %12كە يەتكۈزۈپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بىلەن ئوخشاش قىلىش؛ ھەر 10 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان 5G تورى ئاساسىي پونكىت سانى 20.75 بولۇش، 1000 مېگابايتلىق كەڭ بەلباغ ئابۇنىچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %10كە يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش ساھەسى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم، بىرقەدەر تېز تەرەققىياتنى ساقلىغان، كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، كەڭ بەلباغلىق تورنى ئوپتىك تالالاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان، ئوپتىك تالا ئابۇنىچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %96.97كە يەتكەن؛ 4G تورى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلاپ، 4G تورى ئاساسىي پونكىتى 140 مىڭ 700گە يېتىپ، ھەر 10 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان 4G تورى ئاساسىي پونكىتى 54.43 بولغان؛ 5G تورى بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىغان، 5G تورى ئاساسىي پونكىتىدىن 6508ى قۇرۇلغان، 5G تورى ئابۇنىچىلىرى سانى 3 مىليون 420 مىڭغا يەتكەن؛ تېلېگراف ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەمۇرىي كەنتلەردە كەڭ بەلباغنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %99كە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.