تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەگە ئىشىنىش بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مېھىر ـ مۇھەببەت

− كونا ئىنقىلابىي رايونلار روھى توغرىسىدا بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيۇڭ فېڭ، يۈ شيەنخۇڭ

كونا ئىنقىلابىي رايونلار پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ يىلتىزى، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىغانلىقىنىڭ تارىخىي گۇۋاھچىسى.

100 يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىنىپ كېلىۋاتقان مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلق قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بىر قاتار جاراڭلىق دەۋر مېلودىيەلىرىنى پۈتۈپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۈرەش ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، ھەيۋەتلىك ۋە مەردانە قەھرىمانلىق تارىخىي داستانىنى يېزىپ چىقتى.

ئېتىقاد − ئىرادىدىن قايتماسلىق

جياڭشى رۇيجىن شەھىرى يېپىڭ يېزىسى خۇاۋۇ كەنتىنىڭ ئارقىسىدىكى تاغدا، 17 تۈپ ياپيېشىل قارىغاي قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30 ـ يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، خۇاۋۇ كەنتىدىكى 17 نەپەر ياش قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ، 17 تۈپ قارىغاي كۆچىتى تىكىشكە ۋەدىلەشتى. ئىنقىلاب جەريانىدا ئۇلار قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، بۇ قارىغايلار «ئېتىقاد دەرىخى» دەپ ئاتالدى.

ئەينى يىلى 240 مىڭ كىشى بار رۇيجىندە 113 مىڭ كىشى جەڭگە قاتنىشىپ ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىنقىلاب ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، ئۇزۇن سەپەر يولىدا قۇربان بولغانلار 10 مىڭ 800 كىشىگە يەتتى.

رۇيجىندىن يەنئەنگىچە، خۇبېي ـ خېنەن ـ ئەنخۇيدىن شەنشى ـ گەنسۇ ـ نىڭشياغىچە، زويوۋجياڭدىن شىبەيپوغىچە... كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئەڭ ياخشى باياندۇر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كونا ئىنقىلابىي رايونلار ۋە كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلق پارتىيەمىز رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو ئىنقىلابى ئۈچۈن زور قۇربان بەردى ۋە تۆھپە قوشتى. بۇ قۇربان بېرىش ۋە تۆھپە قوشۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىي ئابىدىسىگە مەڭگۈلۈك ئويۇلدى.

ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، مەيلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئاق تېررورلۇقى بولسۇن ياكى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قانلىق زوراۋانلىقى بولسۇن، ھېچقايسىسى كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى «قىزىل رەڭلىك شىددەتلىك ئېقىن»نى توسۇپ قالالمىدى.

تارىخقا نەزەر سالساق، مۇنداق كۆرۈنۈشلەر كىشىنى چەكسىز قايغۇغا سالىدۇ: چېن شۇشياڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، قەتئىيلىك بىلەن ئۈچىيىنى ئۈزۈۋېتىپ قۇربان بولدى، فاڭ جىمىن تۈرمىگە قامالغان بولسىمۇ يەنىلا «سۆيۈملۈك جۇڭگو» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى، چۈ چيۇبەي ئىنتېرناتسىيونال ناخشىسىنى ئۈنلۈك ئېيتقان ھالدا مەردانىلىك بىلەن قۇربان بولدى...

غايە ـ ئېتىقاد ئوتى يانغان ھامان مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

2019 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، كونا ئىنقىلابىي رايون بولغان گۇاڭشى بەيسې، لېيې ناھىيەسىنىڭ بەينى كەنتىدە 1 ـ شۇجى بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىل بولغان خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ئاپتوموبىلدا يۈرگەن مۇساپىسى تەخمىنەن 25 مىڭ كىلومېتىر بولدى. شۇ كۈنى، خۇاڭ ۋېنشيۇ «قەلبىمدىكى ئۇزۇن سەپەر»نى ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى.

ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇدا تىرىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى. سەككىز يىلدا 100 مىليونغا يېقىن كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلق پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئېتىقادتىن باشلىنىش، كۈرەش جەريانىدا ئۇتۇق قازىنىش، خەلققە مەنسۇپ بولۇش − 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش تارىخىي لوگىكىسى كوممۇنىستلارنىڭ ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەگە ئىشىنىش، پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىپ مېڭىش قەتئىي ئېتىقادىنى كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئويدى.

چوڭقۇر مېھىر ـ مۇھەببەت − قان تومۇرغا سىڭىپ كېتىش

1934 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، گۇيجوۋ كۈننيۇشەن تېغى. 100دىن ئارتۇق قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى تاغدا تۇرۇپ قوغلاپ كېلىۋاتقان دۈشمەنگە توسۇپ زەربە بەردى، ئەمما ۋەھشىي دۈشمەنلەر پۇقرالارنى «ئادەم قالقان» بولۇشقا مەجبۇرلاپ، قەدەممۇقەدەم قىستاپ كەلدى. ئالدىدا كۈچلۈك دۈشمەن ۋە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئامما، كەينىدە تىك يار، چوڭقۇر جىلغا بار ئىدى، قانداق قىلىش كېرەك؟ قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى «ئۆلسىمۇ ئەسىرگە چۈشمەسلىك، ئۆلسىمۇ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك» ئىرادىسى بىلەن، ئارقا ـ ئارقىدىن قورال ـ ياراغلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، 70 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىيادىن كوللېكتىپ سەكرىدى...

ھەر قېتىملىق ھايات ـ ماماتتا بىللە بولۇش، ھەر قېتىملىق ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، ھەممە يەرگە ئىسسىق قان ۋە تەر تۆكۈلگەن، شەرەپ ۋە ئارزۇ ـ ئىستەكلەر مۇجەسسەملەنگەن كونا ئىنقىلابىي رايوندىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا، نېمىنىڭ چوڭقۇر مېھىر ـ مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر نىيەتتە بولغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنگىلى بولىدۇ.

جىڭگاڭشەندىكى ئۇچقۇننىڭ يانغىنغا ئايلىنىشىدىن، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ چاڭبەيشەن تېغى بىلەن خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ئارىسىدا ياپون ئارمىيەسىگە قارشى ئېلىپ بارغان 14 يىلغا سوزۇلغان قەھرىمانلىق كۈرىشىگىچە؛ خۇبېي ـ خېنەن ـ ئەنخۇي سوۋېت رايونىدا «28 يىل قىزىل بايراقنىڭ يىقىلماسلىقى»دىن مىليون كىشىلىك ھەيۋەتلىك قوشۇننىڭ دەريادىن ئۆتۈش داۋامىدىكى يولۋاس كەبى يېڭىلمەس جاسارىتىگىچە؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە... پارتىيەمىزنىڭ ھەربىر تارىخىي چوڭ سىناقلاردا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەب، تېگى ـ تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پارتىيەمىزنىڭ خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش، خەلققە يېقىندىن تايىنىش، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقىدىن بولغان.

شۇنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇكى، ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلداپ تۇرغان يىللاردا، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى پۇقرالار قىزىل گۈرۈچ تامىقى، كاۋا شورپىسى بىلەن پارتىيە ۋە ئارمىيەنى باققان، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ كىچىك ھارۋىلىرى خۇەيخەي ئۇرۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولغان، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ كىچىك ياغاچ كېمىلىرى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىنىڭ ھەيۋىسىنى نامايان قىلغان...

«سوۋېت رايونى ھاكىمىيىتى گويا بىر تال گۈل، ئۇ يىلتىز تارتقان يوقسۇللار ئارىسىدا؛ جاپاكەش دېھقانلارغا باشپاناھ بولغاچ پارتىيە، قىزىل ھاكىمىيەت كەڭ تارقالدى جاھانغا.» غەربىي فۇجيەن كونا ئىنقىلابىي رايونىدا تارقالغان بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك نەزمىسى پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرماقتا.

بىز باشتىن ـ ئاخىر شۇنى تېخىمۇ ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەككى، يېڭى مۇساپىدە، خەلققە بەرگەن ۋەدىمىزگە باشتىن ـ ئاخىر قاتتىق ئەمەل قىلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، مەڭگۈ پۇقرالارنىڭ «ئۆزىنىڭ پارتىيەسى» بولۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشتەك قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

پارتىيە خەلق بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىشىپ بىر تەنگە ئايلانسا، ھەممە ئىشتا غەلىبە قازىنالايدۇ، ھەممىنى يېڭەلەيدۇ.

ئارزۇ − كۈرەش ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلىنىدۇ

بۇ يىل «1 ـ ئۆكتەبىر»نىڭ ئالدىنقى كۈنىدە، شىڭچۈەن تۆمۈريولىنىڭ شىڭچىڭ بۆلىكى، پۇچېڭ ـ مېيجوۋ تۆمۈريولىنىڭ جيەنگۇەن بۆلىكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، فۇجيەننىڭ نىڭخۇا، چىڭليۇ، جياڭشىنىڭ نىڭدۇ، شىچېڭدىن ئىبارەت ئەسلىدىكى مەركىزىي سوۋېت رايونىدىكى تۆت ناھىيەدە تۆمۈريول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.

تاغ ـ دەريالار ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، ئەمما جاھان يېڭى قىياپەتكە كىردى. ئەينى يىللاردىكى ياغاچ غالتەك بىلەن ئەگرى ـ بۈگرى توپىلىق چىغىر يولدا مېڭىشتىن دۆلەت 1 ـ دەرىجىلىك يەككە لىنىيەلىك ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريول قۇرۇشقىچە، سوۋېت رايونى تۆمۈريولى «داتۇەنيۈەن» قىزىل مۇنبەت تۇپراقنىڭ تارىخىي ھالقىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ.

بۇ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى، شۇنداقلا كۈرەش قىلىش يولى. مەيلى ئىنقىلاب يىللىرىدا بولسۇن ياكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا بولسۇن، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلق ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت قەيسىرانە كۈرەش ئىرادىسى، تىز پۈكمەي، دادىللىق بىلەن غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى −

جىڭگاڭشەندىكى ئىنقىلابىي كۈرەش مەزگىلىدە، دۈشمەننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىشىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، قىزىل ئارمىيە «جۈنجاڭدىن ئاشپەزگىچە ئاشلىقتىن باشقا بىردەك بەش پۇڭلۇق تاماق يەيتتى»؛ ئاش تۇزى قىس بولۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كەڭ ئارمىيە، خەلق كونا ئۆيلەرنىڭ تام تۈۋىدىكى توپىنى كولاپ چىقىرىپ سېلىترا تۇزى قايناتتى...

«ھۆكۈمەت پەقەت بىزنى يۆلەيدۇ، بىزنى بېقىپ بولالمايدۇ، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ.» بۇ، جىڭگاڭشەن شېنشەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پېڭ شيايىڭ دائىم دەيدىغان بىر جۈملە سۆز. ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، پېڭ شيايىڭ بۈگۈنكى كۈندە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە مەملىكەتلىك ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

شېنشەن كەنتىدىن ئىبارەت ئىلگىرى جىڭگاڭشەندىكى بۇ ئەڭ چەت، يىراق نامرات كەنتمۇ توردا جەزمەن بارىدىغان يېزا ـ كەنت ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. پۈتۈن كەنتتىكى %80 كەنت ئاھالىسى يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللاندى، كىشى بېشى يىللىق كىرىمى تۆت يىل ئىلگىرىكى 3000 يۈەنگە يەتمەسلىكتىن 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى ئاساسەن يوق بولۇشتىن كۆپىيىپ 500 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ۋاقىت ئۆتسىمۇ، ئۆچمەيدىغىنى كۈرەش قىلىش روھى؛ قايتىدىن سەپەرگە ھازىرلىق كۆرۈشتە، ئېھتىياجلىق بولغىنى چىداملىق بولۇش.

جىمجىت ماۋپىڭ دەرياسى بويىدا، باجياۋلوۋ ئىمارىتى ئالدىدا، ساياھەتچىلەر دائىم بىر تۈپ ئېگىز قەدىمىي ئېرەن دەرىخىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قەدىمىنى توختىتىپ چوڭقۇر ئويغا پاتىدۇ. بۇ دەرەخ تاش يوچۇقىدىن ئۆسۈپ چىققان بولۇپ، ئېغىر بېسىمدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، چوڭايغاندىن كېيىن تاشنى يېرىۋەتكەن، 100 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، قەيسىرانە، تىز پۈكمەيدىغان ئىنقىلابىي كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا ئوخشاش يەنىلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ...

تارىخ پۈتۈلدى، تارىخ يارىتىلىۋاتىدۇ، تارىخ يەنە گۇۋاھ بولىدۇ: پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان كونا ئىنقىلابىي رايونلار نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جەزمەن يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.