تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ـ كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيى رەڭگارەڭ دۇنيانى ئاچتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

«ليۇ مۇئەللىم، كېلەر شەنبە چۈشتىن بۇرۇن مەن يەنە سىزدىن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى كەلسەم بولامدۇ؟»

11 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى كەچقۇرۇن، كەنت كادىرى ليۇ شىن رەسىم سىزىش قوراللىرىنى يىغىشتۇرۇپ يېزا ـ كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيىدىن ئايرىلىش ئالدىدا، بىر بالىنىڭ سەبىي ئاۋازى كەينىدىن ئاڭلاندى.

سۆزلەۋاتقىنى ئون ياشلىق ئايىشە ئوسمان بولۇپ، ئۇ رەسىم تاختىسىنى ئاسقىنىچە ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى، ليۇ شىننىڭ باش لىڭشىتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ خۇشال ھالدا يۈگۈرگىنىچە كېتىپ قالدى.

ئۆتكەن بىر ئايدا، گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىدىكى يېزا ـ كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيى زور بىر تۈركۈم مەستانىلەرنى جەلپ قىلدى، كەنت ئەتراپىدىكى رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار ھەر ھەپتە ئاخىرىدا بۇ يەرگە كېلىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىدىغان، رەسىمدىن زوق ئالىدىغان بولدى.

بۇ يېزا ـ كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيى شەھەردىكى گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ «كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى»، لايىھەلىنىشى ۋە سەپلىمىلىرى پۈتۈنلەي شەھەردىكى گۈزەل سەنئەت سارىيىغا تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، رەسىم كۆرگەزمە رايونى، رەسىم سىزىش رايونى ۋە ئالماشتۇرۇش رايونى بار. رەسىم كۆرگەزمە رايونىنىڭ تۆت تەرىپىگە ھەيۋەتلىك گۈزەل تاغ تىزمىسى، مول ھوسۇللۇق ئېتىز، گۈزەل سۇلۇق يەر، تىنچ مەكتەپ قورۇسى، تېتىك ۋە روھلۇق ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار باش تېما قىلىنغان رەسىم ئەسەرلىرى ھەمدە «جۇڭگو ئارزۇسى» «قويۇق باھار تۈسىگە كىرگەن جۇڭگو» «تىرىشچان ۋە ئىرادىلىك بولۇش» «مەن ۋەتەننى سۆيىمەن» قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئېسىلغانىدى. «بىز گۈزەل سەنئەت سارىيىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەللىكنى ھېس قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرمەكچى، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ سەنئەت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىماقچى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاياغ چودا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى پېڭ زىۋۇ.

كەنت ئاھالىسى روزىنىسا توختى بوش ۋاقىتلىرىدا دائىم بالىلىرىنى گۈزەل سەنئەت سارىيىغا ئېلىپ كېلىدىكەن. ئۇنىڭ بۇرۇندىنلا رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىش ئارزۇسى بار بولسىمۇ، پەقەت ئىلگىرى ئۆگىنىش پۇرسىتى بولمىغان. ھازىر كەنتتە گۈزەل سەنئەت سارىيى بار بولغاچقا، ھەم ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى، ھەم ئۆگەنگىلى بولىدۇ، بۇ، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«چىڭداۋدىن كەلگەن داشۆسىڭ ئوقۇتقۇچى: رەسىم سىزغىڭىز بولسىلا، ھەرقانداق ياشتا رەسىم سىزىشنى باشلىسىڭىز كېچىكمەيسىز، دېدى. مەن يەنە خەتتاتلىقنى مەشىق قىلىمەن، بۇ يەر مېنى بەك جەلپ قىلدى» دېدى روزىنىسا خۇشال ھالدا.

رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولمىغان ئايىشە «تاغدا يۈرگەندە» ناملىق ھۆسنخەت ئەسىرىنىڭ ئالدىدا توختاپ ئۈنلۈك ئوقۇشقا باشلىدى: «چىغىر يوللار بىلەن تاغقا يىراقتىن سوغ كۈزى كەلسەم، بۇلۇتنىڭ قەھرىدە ئادەم ياشاركەن سەپسېلىپ كۆرسەم. ئۇ مېنىڭ خىيال دېڭىزىمدا بىر پارچە رەسىم، مەن رەسىم سىزىش ئاساسىي ماھارىتىنى ياخشى ئۆگىنىۋالساملا، بۇ كۇپلېت شېئىردىكى مەنزىرىنى سىزىپ چىقىمەن». ئايىشە ليۇ مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا بەك ئامراق بولۇپ، ئاڭلىغانسېرى كاللىسىدا گۈزەل كۆرۈنۈشلەر پەيدا بولاتتى.

«گۈزەل سەنئەت ئۆگىنىشتە، رەسىمدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىشنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىش كېرەك، پەقەت رەسىمنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئىجادىيەت ئىلھامى قوزغىلىدۇ.» گۈزەل سەنئەت كەسپىنى پۈتكۈزگەن ليۇ شىن مۇنداق دېدى: يېزا ـ كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيىدا، بالىلار گۈزەللىكنى ھېس قىلىش، گۈزەللىكنى بايقاش، گۈزەللىك ئىجادىيىتى قىلىش جەريانىنى ھېس قىلالايدۇ.

ليۇ شىن بىلەن بىللە گۈزەل سەنئەت سارىيىدا رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىدىغانلاردىن يەنە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ھەمدە ئاياغ چودا كەنتىگە كېلىپ رەسىم سىزىدىغان ئالىي مەكتەپ سەنئەت كەسپىدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى بار.

«يېزا ـ كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيى قۇرغاندا، ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى، ھەم ئۇنى يېزا ـ كەنت ساياھىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاياغ چودا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجى جاڭ گولىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.