تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەريا ـ كۆل باشلىقى تۈزۈمىدە «نامى، ئەمەلىي ھوقۇقى بار بولۇش»تىن «ئىقتىدارى، ئۈنۈمى بار بولۇش»قىچە

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، دەريا ـ كۆل سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ـ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ رايونى قىرغاق لىنىيەسى بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دەريا ـ كۆل باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىدە «نامى، ئەمەلىي ھوقۇقى بار بولۇش»تىن «ئىقتىدارى، ئۈنۈمى بار بولۇش»قا ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2018 ـ يىلى 6 ـ ئايدا دەريا ـ كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 3355 دەريا ئېقىنى، 121 كۆلنىڭ ھەممىسىنى دەرىجىگە ئايرىپ، بۆلەككە ئايرىپ دەريا ـ كۆل باشلىقى، دەريا ـ كۆل بۆلىكى باشلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەريا ـ كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر، شى)، ناھىيە (شەھەر، رايون، تۇەن)، يېزا (بازار، كوچا باشقارمىسى)، كەنت (ليەن) بەش دەرىجىلىك دەريا ـ كۆل باشلىقى تۈزۈمى تەشكىلىي سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، بۆلەككە ئايرىپ 15 مىڭ 789 دەريا ـ كۆل (بۆلەك) باشلىقى تەسىس قىلىنغان، ئاپتونوم رايوننىڭ باش دەريا (كۆل) باشلىقى بۇيرۇقى بېسىپ تارقىتىلىپ، قېلىپلاشقان ھۆججەت چىقىرىلىپ، زور بىر تۈركۈم دەريا ـ كۆللەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى «ئورنىتىش»تىن «نامى، ئەمەلىي ھوقۇقى بار بولۇش»قىچە، يېقىن يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز دەريا ـ كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش ئاساسىدا، دەريا ـ كۆل باشلىقى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دەريا ـ كۆل باشلىقى تۈزۈمىدە «نامى، ئەمەلىي ھوقۇقى بار بولۇش»تىن «ئىقتىدارى، ئۈنۈمى بار بولۇش»قا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى. سۇ بايلىقىنى قوغداش جەھەتتە، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ ئېلىش ـ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى تەستىقلاشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، «قۇدۇق ۋە توكنى قوش تىزگىنلەش»نى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يەر ئاستى سۈيى زىيادە تارتىلغان رايونلارنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنى داۋاملىق قۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە سۇ تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە تەۋەسىدە سۇ تېجەش تىپىدىكى جەمئىيەت ئۆلچىمىگە يېتىش قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۇ تېجەش تەشۋىق ـ تەربىيە سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ھازىرغا قەدەر، دۆلەت تەكشۈرۈپ باھالىغان 72 مۇھىم سۇ فۇنكسىيەلىك رايونىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %98.6 بولدى. سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە، 2018 ـ يىلىدىن بۇيان، دەريا ـ كۆللەردىكى «تۆت قالايمىقاننى تۈگىتىش»، دەريا ـ كۆللەرنى باشقۇرۇش بويىچە مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش ۋە دەريا ـ كۆللەردىن قۇم ـ شېغىل ئېلىشنى تۈزەش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، دەريا ـ كۆللەرنىڭ قىياپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. دەريا ـ كۆل بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش جەھەتتە، ئادەمسىز رايون سىرتىدىكى دەريا ـ كۆللەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىنى بېكىتىش خىزمىتى تاماملىنىپ، ئادەمسىز رايون سىرتىدىكى دەريا ـ كۆللەرنىڭ قىرغاق لىنىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى، قۇم ـ شېغىل ئېلىشنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى بار 112 دەريا ئېقىنىنىڭ دەريادىن شېغىل ئېلىش يىرىك پىلانىنىڭ ھەممىسى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ يولغا قويۇلۇپ، دەريا ـ كۆل بوشلۇقى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دەريا ـ كۆللەرنى باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

«14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز سۇ بايلىقىنى قوغداش، سۇ رايونى قىرغاق لىنىيەسىنى باشقۇرۇش، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق دەريا ـ كۆللەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، نازارەتچىلىك ـ يېتەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەربىر دەريا ـ كۆلنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، باشقۇرالايدىغان بولۇش، ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پاسىل ھالقىغان دەريا ـ كۆللەردە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېقىن رايونى بىرتۇتاش پىلانلانغان، رايونلار ماسلاشقان، تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان دەريا ـ كۆللەرنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ھەرقايسى جايلارنىڭ دەريا ـ كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاپ، تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىنى ھەقىقىي تۈردە كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالاش ـ باھا بېرىش بىلەن باغلاش، تارماقلارنىڭ نىشانلىق باشقۇرۇش نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاش بىلەن باغلاش، نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن باغلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. دەريا ـ كۆللەرنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ـ پاش قىلىش سۇپىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىش سۇبيېكتلىق پائالىيەتچانلىقىنى قوزغاپ، پۈتكۈل جەمئىيەت دەريا ـ كۆللەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.