ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم بولۇپ، سىجىل قايتا جانلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 256 مىليارد 123 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.6 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 8.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، نورمىدىن يۇقىرى ئورۇنلار ئىشقا ئاشۇرغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 110 مىليارد 929 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.7 ئاشقان.
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر ـ يېزا بازارلىرى تېز ئەسلىگە كېلىپ، ئاشلىق، ياغ، يېمەكلىك تۈرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى تۈرى، كۆكتات تۈرى، ئىچىملىك تۈرى قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىلىشى بىرقەدەر تېز ئاشتى. ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق سېتىش، ۋەيمەي ئارقىلىق سېتىش، كوللېكتىپ تاماق مۇلازىمىتى، ئۇچراشماي مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق يېڭىچە تىجارەت ـ سودا ئەندىزىسىنى كېڭەيتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تور ئىستېمالىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى كۈنسېرى ئاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نورمىدىن يۇقىرى توپ ۋە پارچە سېتىش كارخانىلىرى ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان تاۋار سودىسى يىغىندىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن جەمئىي %90.4 ئاشتى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نورمىدىن يۇقىرى قونالغۇ ۋە يېمەك ـ ئىچمەك كەسپى ئورۇنلىرى ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان ياتاق كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن جەمئىي %134.1 ئاشتى، يېمەك ـ ئىچمەك كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن جەمئىي %41.4 ئاشتى.
تۆۋەن تۈپ ساننى گىرەلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاپتوموبىل سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئاپتوموبىل ئىستېمالىدا تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتوموبىل تۈرىدىكىلەرنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 38 مىليارد 810 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.9 ئاشتى؛ نېفىت ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان مەھسۇلات تۈرىدىكىلەرنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 26 مىليارد 699 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.6 ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا تارماقلىرى نۇقتىلىق سودىگەرلەرنى ئېتىبار باھادا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇشقا سىجىل يېتەكلىدى، قۇرۇلۇش ۋە بېزەش ماتېرىياللىرى تۈرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئۈن ـ سىن سايمانلىرى تۈرى ئىستېمالىمۇ خېلى زور دەرىجىدە ئاشتى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى زىچ چۆرىدەپ، سودىنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئىستېمال سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يېزىلارنىڭ ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ـ كەنت ئىستېمالىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، پائال نەتىجە ـ ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ليۇ بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە نۇقتىلىق كارخانىلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن داۋاملىق بىرلىشىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئالاھىدىلىكى روشەن، ئىستېمالى جانلىق، ئىستېمالنىڭ توپلىنىش ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك، مەدەنىيەت كەيپىياتى قويۇق، ماركا تونۇلۇش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان بىر تۈركۈم كېچىلىك ئىقتىساد بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچا رايونلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، توردا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىستېمال يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىمىز.
مۆلچەرلىنىشىچە، 4 ـ پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا يەنىلا سىجىل ئېشىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ھالىتى نامايان بولىدىكەن.