ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۆي جاھازلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان چۇڭچىڭ ـ شىنجاڭ ـ ياۋروپا جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگقا قاراپ ماڭغان. بۇ، بۇ يىل ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق قاتنىغان 5000 ـ قېتىملىق جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 50 كۈن بۇرۇن بۇ سانغا يەتكەن.
2011 ـ يىلى ئالاتاۋ پورتىدا تۇنجى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە، بۇ پورتتىن ئۆتكەن نۆۋەتچى پويىز سانى جەمئىي 21 مىڭ 600 قېتىمغا يەتكەن. بۇ ئىككى يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قەدىمىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، غەربكە يۈزلەنگەن قۇرۇقلۇق يولىنىڭ رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنگەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پورتلاردىن ئۆتىدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قېتىم سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولغان.
ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش 2 ـ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شۈ يۆخېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالاتاۋ پورتىدا جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسىدىن 23ى يېڭىدىن كۆپىيىپ، بۇ يەردىن ئۆتىدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى جەمئىي 60قا يەتتى. قاتناش لىنىيەسى تورلۇشۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈك تىرانسپورت ئىقتىدارى يەنىمۇ ئەلالىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى بۇ تىرانسپورت شەكلىنى تاللاپ ئېكسپورت قىلىشقا جەلپ قىلدى.
نۆۋەتتە، ئالاتاۋ پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قېتىم سانى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 قېتىمغا يەتتى، لىنىيە چۇڭچىڭ، سىچۇەن، خېنەن، خۇبېي، جېجياڭ قاتارلىق 24 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى قاپلىغان بولۇپ، رۇسىيە، پولشا، گېرمانىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق 13 دۆلەتكە بارغىلى بولىدۇ.