تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنەيلى

− پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى.

پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى ۋە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈش، يەكۈنلەش ئاساسىدا، تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى بەش جەھەتتىن يەكۈنلەندى، يەنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى ئاچتى، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقتى. بۇ بەش جەھەتتىكى يىغىنچاقلاشتا ھەم جۇڭخۇا زېمىنى مەۋقە قىلىنىپ، ھەم ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇناسىۋىتى نامايان قىلىنغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ماركسىزم، دۇنيا سوتسىيالىزمى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتى نامايان قىلىنغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسى تۇتاشتۇرۇلغان.

100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، قاينام ـ تاشقىنلىق ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈردى، جۇڭگو خەلقى بوزەك بولۇش، ئېزىلىش، قۇل بولۇش تەقدىرىدىن ئۈزۈل ـ كېسىل قۇتۇلۇپ، دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى، خەلق دېموكراتىيەسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، جۇڭگو چاك ـ چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن، قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن ھالەتتىن يۈكسەك بىرلىككە كەلگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ھالەتكە كېلىشكىچە، نامرات ھەم ئاجىز، نامرات ھەم قالاق ھالەتتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە، گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشقىچە، پاسسىپ ھالدا بوزەك قىلىنىش، يەتكۈچە بوزەك قىلىنىشتىن مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشقىچە، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەشكىچە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى نەچچە ئون يىلدىلا تاماملاپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ بايرىقىغا يېزىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى، ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقەتلىكىنى جۇڭگودا تولۇق سىناقتىن ئۆتكۈزدى، ماركسىزمنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى جۇڭگودا تولۇق ئىزچىللاشتۇردى، ماركسىزمنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە دەۋرچانلىقىنى جۇڭگودا تولۇق نامايان قىلدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ھەم جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەندى، ھەم ئىنسانىيەتنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش، دۇنيانىڭ بۈيۈك ئىناق ـ ئېجىللىقى ئۈچۈن ئىزدەندى، توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتىش كۈرىشى ئارقىلىق دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىدە يېڭى ھالەت يارىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەم تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغان، ھەم ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنى پۈتۈنلەي يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، غايە ـ ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، ھايات ـ ماماتلىق كۈرەش ۋە جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، روشەن سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ چىقىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان مەنىۋى شەجەرىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلىدى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. «قارار»دا پارتىيەنىڭ جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتى، ماركسىزم، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قوشقان تارىخىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق شەرھلىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ غەلىبە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21 ـ ئەسىردىكى يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىپ، ئۆزىگە تېخىمۇ تايىنىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىرادىسى، شىجائىتى، غەيرىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، تارىخىي مۇساپىدە توپلانغان قۇدرەتلىك ئېنېرگىيەنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادىيەت روھىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن پۈتمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنياغا گۈللەپ ياشنىغان ھالەتنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، ماركسىزم يېپيېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيادا نامايان قىلىندى، دۇنيا مىقياسىدا سوتسىيالىزم بىلەن كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىدېئولوگىيە، ئىككى خىل جەمئىيەت تۈزۈمىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى ھەمدە كۈچ سىنىشىشىدا سوتسىيالىزمغا پايدىلىق بولغان مۇھىم، زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىم، زور مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن ـ سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەمىز 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان، مۇھىم، زور يەر شارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي پارتىيەگە ئايلاندى، جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قاراپ ماڭماقتا، ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە بولۇشقا مۇناسىپ. جاپالىق ۋە شانلىق ئۆتمۈشنى بېسىپ ئۆتۈپ، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ھازىردىن پارلاق، ئۇلۇغۋار كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان پارتىيە، 100 يىل دەل ئۇنىڭ قىرانلىق مەزگىلى!

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش يولىنى ئەسلەپ، ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالساق، قەلبىمىزدىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتىمىز ئۇرغۇپ، قەلبىمىزگە ئۇلۇغۋار ئىرادىنى پۈكۈپ، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمىمىز. يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، بوران ـ چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.