تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكىلەر پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

11 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، كۇچا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تارىم يېزىسى ساۋخۇ 1 ـ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى. □ يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىمىز.

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىمىز

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش − پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان تارىخىي شارائىتتا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى.

شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭشىن مۇنداق بىلدۈردى: 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دىققەتنى ئاساسىي كەسىپنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ماركىنى ئەلالاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باشقۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىكى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاساسىي كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالى سېلىنما تىجارىتى شىركىتىنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەش مەسىلىسى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىندى، بۇ، تەنتەنىلىك بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى.» مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ياۋ شىنكۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «سەككىز تۈرلۈك ماھارەت»نى كۈچەيتىپ، «يەتتە خىل ئىقتىدار»نى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى ماڭىمىز.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى سانجى شۆبە بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى جاڭ خۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن 100 يىللىق تارىخقا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغ پەزىلىتى مۇجەسسەملەنگەن. يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا يۈزلىنىش، شەھەر ـ يېزىلارغا مۇلازىمەت قىلىش» خىسلىتىگە ئەمەل قىلىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

بۇرچقا مۇناسىپ ئىش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

«يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئۆتمۈشتىكى ئازاب ـ ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك.» شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ گوخۇا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كانچىلىق گۇرۇھى بەرپا قىلىش يېڭى ۋەزىپىسىگە يۈزلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن گۇرۇھ دائىرىسىدە كەڭ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ئۇنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ.

شىنجاڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ليۇ مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋى دۆلەت كارخانىلىرى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

«بىز پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان ھۈنەرۋەن روھى ئارقىلىق جان ـ دىلىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز» دېدى شىنجاڭ تىيانشان توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك چەكلىك شىركىتى ئىلمە توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى ئايۇپ خالىق قەتئىيلىك بىلەن.

جاسارەت بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىمىز

يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيە جەزمەن مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە سېلىنما چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خۇاڭ شىنلى مۇنداق دېدى: شىركەت پارتىيە كومىتېتى پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، «14 ـ بەش يىل»لىق ئۇلۇغۋار يىرىك پىلان بويىچە، بازار پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى يادرولۇق كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى بېيىتىپ، دۆلەت كاپىتالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

شىنجاڭ سىفەن داشۆسى گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى لى يۇڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپ گۈزەللىك تەربىيەسى مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، دەۋر ۋە خەلقنى مەدھىيەلەشتەك تارىخىي بۇرچ زىممەمگە يۈكلەنگەن، مەن پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر گۈزەللىك تەربىيەسى مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىمەن».

شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىن روھىنى كارخانا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «10 چوڭ كەسىپ» تەرەققىيات پۇرسىتىنى مەھكەم تۇتۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئوقەتچىلىك سېلىنمىسى + پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى + مۈلۈك باشقۇرۇش»تىن ئىبارەت ئاساسىي كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئەلالاشتۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا شىنيې گۇرۇھىنى رايون بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، دۆلەت ئىچىدە تونۇلغان دۆلەت كاپىتالى سېلىنما تىجارەت شىركىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار گاۋ فېڭ، ما بويۈ، شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار تۇ يەنشيا، گاۋ پېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.