تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇش ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش

​− يىمېڭ روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ پېڭ، ياڭ ۋېن

مېڭشەن تېغى كۆككە تاقاشقان، يىشۈي دەرياسى ئۇزاققا سوزۇلغان. يىمېڭ قىزىل رەڭلىك مۇنبەت تۇپراق.

ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، يىمېڭنىڭ قەھرىمان ئوغۇل - قىزلىرى قانلىق ۋە يالقۇنلۇق تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈردى. ئۇلار «ئەڭ ئاخىرقى بىر كاپام ئاشلىقنى ھەربىيلەرنىڭ ئوزۇق - تۈلۈكى قىلىش، ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە رەختتە ھەربىي فورما تىكىش، ئەڭ ئاخىرقى ئوغلىنى جەڭ مەيدانىغا ئۇزىتىپ قويۇش»تەك شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئارقىلىق، ئارمىيە بىلەن خەلق قان بىلەن گۆشتەك زىچ باغلانغان، بىرلىكتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىدىغان ھەيۋەتلىك سەھىپىنى پۈتۈپ، ئىنقىلابنى قەدەممۇ قەدەم غەلىبىگە يۈزلەندۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: «يىمېڭ روھى يەنئەن روھى، جىڭگاڭشەن روھى، شىبەيپو روھىغا ئوخشاش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، ئۇنى يېڭى دەۋر شارائىتىغا ئۈزلۈكسىز بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك».

بۈگۈنكى كۈندە، يىمېڭ ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ھېكايىسى يەنىلا ئۈزلۈكسىز تىللاردا داستان بولۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلق قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇشتىن بارلىققا كەلگەن يىمېڭ روھى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، يېڭى نۇر چاچتى.

ھەربىي - خەلق بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن ئۆتۈش   ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش

شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرى مېڭيىن ناھىيەسىدىكى مېڭلياڭگۇ ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا ئۈچ غالتەكلىك ھارۋا بار. ئۇلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ، ياغاچ جازىسى، ياغاچ ئوقى قارىماققا قوپال، كېلەڭسىز كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا يىمېڭ روھىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەخپىي شىفىرى مۇجەسسەملەنگەن.

گومىنداڭنىڭ شەندۇڭ ئازاد رايونىغا قاراتقان نۇقتىلىق ھۇجۇمىنى تارمار قىلىش ئۈچۈن، 1947 - يىلى 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مېڭلياڭگۇ جېڭى باشلاندى. بىر تەرەپ قورال - ياراغلىرى سەر خىل بولغان گومىنداڭنىڭ قايتا تەشكىللەنگەن 74 - شىسى بولۇپ، ئۆزىنى «تەڭداشسىز» دەپ ماختىناتتى؛ يەنە بىر تەرەپ ئوزۇقلۇقى تېرىق، قورالى مىلتىق بولغان كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ شەرقىي جۇڭگو دالا ئارمىيەسى بولۇپ، «جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ» دەپ قارالغان.

بۇ مەيدان جەڭدە، يىمېڭ خەلقى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىدىغان ھەيۋەتلىك خەلق ئىشچىلىرى قوشۇنى تەشكىللەپ، غالتەكلىك ھارۋا بىلەن ئوق - دورا، سۇ، ئاشلىق، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى توشۇپ، دورىلارنى يەتكۈزدى. ھارۋا چاقى توختىماي ئىلگىرىلىدى، خەلقنىڭ قەلبى دولقۇنلىدى، خەلق ئارمىيەسىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىش، ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنى يېڭىش مۆجىزىسىنى ياراتتى. 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شەرقىي جۇڭگو دالا ئارمىيەسى پۈتۈن سەپ بويىچە مېڭلياڭگۇغا ھۇجۇم قىلىپ، گومىنداڭنىڭ قايتا تەشكىللەنگەن 74 - شىسىنى ئۈزۈل - كېسىل تارمار قىلدى.

«ھەممە يېزىدا قىزىل يەڭگىلەر، ھەممە كەنتتە ئىنقىلابىي قۇربانلار بار». قان بىلەن بويالغان بۇ زېمىندا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن - نۇرغۇن ھېكايىلەر بار.

بەييەننى تارتىۋېلىش جېڭى، ۋۇجىڭدا يوقىتىش جېڭى، تازىشەن جېڭى قاتارلىق تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان شىددەتلىك جەڭلەردە، يىمېڭ خەلقى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ياپون ئارمىيەسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى؛

يىمېڭلىق ئايال لى گۈيفاڭ قاتارلىقلار ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى سۆكۈپ ئېلىپ، مۇزدەك دەريا سۈيىگە سەكرەپ چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ بەدىنى بىلەن «جەڭ مەيدانى كۆۋرۈكى»نى ھاسىل قىلدى.

يىمېڭلىق ئانا ۋاڭ خۇەنيۈ ئۇرۇش مەزگىلىدە يەسلى قۇرۇپ، 40 نەچچە ئىنقىلابىي ئەۋلادنى بېقىپ چوڭ قىلدى؛

يىمېڭلىق قىزىل يەڭگە مىڭ دېيىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغان 8 - ئارمىيە جەڭچىسىدىن ئىككىنى قۇتقۇزدى، خەتەرلىك پەيتتە، ئۆزىنىڭ سۈتى بىلەن ئېغىر يارىلانغان پەرزەنت ئەسكەرلەرنى قۇتقۇزدى؛

...

تارىخىي ماتېرىيال ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يىمېڭ رايونىدىكى 4 مىليون 200 مىڭ نوپۇس ئىچىدە، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەن، 100 مىڭ ئىنقىلابىي قەھرىمان ۋە قۇربان جەڭ مەيدانىدا قان تۆككەن. بۈگۈنكى كۈندە، بىز يىمېڭ ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىغا كىرگىنىمىزدە، بىر گۇرۇپپا «كۈچ» ناملىق غايەت زور ھەيكەللەر توپى قەلبىمىزنى تىترىتىدۇ: ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگۈچى يۇرتداشلار بەلنى ئېگىپ تۇرۇپ ماددىي ئەشيا لىق قاچىلانغان ھارۋىنى ئىتتىرىپ، ئەگرى - بۈگرى يولدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتى...

«ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەن سانسىزلىغان كىشىلەر ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلار جەڭنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشۇپ، <ئەسكەر بىلەن خەلق غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسى> دېگەن يىمىرىلمەس ھەقىقەتنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدى» دېدى، يىمېڭ كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ليۇ جەنچۈەن.

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش   باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

«چاڭجىنخۇ كۆلى» ناملىق كىنودا فىلىم ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا مۇنداق بىر كۆرۈنۈش كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ:

خۇ جۈن رول ئالغان «لېي گۇڭ» دۈشمەننىڭ ھاۋادىن تاشلىغان بەلگە بومبىسىنى قۇچاقلىغىنىچە، ماشىنا ھەيدەپ دۈشمەن قوشۇنىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۆزىنىڭ بەدىنى بىلەن دۈشمەننىڭ ئوقلىرىنى توستى. قۇربان بولۇش ئالدىدا «لېي گۇڭ»نىڭ دىمىقىدا ئېيتقىنى دەل «يىمېڭشەن كۈيى» ئىدى.

«لېي گۇڭ»نىڭ ئوبرازى دەل يىمېڭ خەلقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتى شۇنى چوڭقۇر ئىسپاتلىدىكى، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا، يىمېڭ خەلقى ھەمىشە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان غەيرەتكە، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەتكە ئىگە بولۇپ كەلدى.

لىنيىنىڭ جۈنەن ناھىيەسى پىڭشاڭ بازىرى لىجياجەي كەنتى ئۈچ تاغ، بەش چوققا، ئىككى دەريا ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، يېرى تاشلىق، تېرىلغۇ يەر ئاز. چوڭلار دائىم: بۇرۇنقى لىجياجەي كەنتى «ئەتىگەندە ئاق شورپا، چۈشتە توپان، كەچتە قاچىدىكى شىفەندە ئاي شولىسى» دېيىشەتتى.

نامرات بولسا ئۆزگىرىشنى ئويلاش كېرەك. 1955 - يىلىدىن باشلاپ، لىجياجەيلىكلەر تاغنى تالقان قىلىپ، جىلغا، چوققىلارنى تۈزلەپ ئېتىز بەرپا قىلىپ، ئىككى يىلدا 3000 مودىن ئارتۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك پەلەمپەي ئېتىز بەرپا قىلىپ، ئاشلىقنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى 500 نەچچە جىڭغا يەتكۈزدى.

بۇ خەۋەر جۇڭنەنخەيگە يېتىپ كەلگەندە، رەئىس ماۋ زېدۇڭ خۇشاللىق بىلەن: «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك، جۇڭگونى ئۆزگەرتىشتە لىجياجەي ياخشى مىسال» دەپ تەستىق سالغان.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى مەزگىلگە كىرگەندىن كېيىن، جيۇجيەنپېڭ كەنتى يىمېڭ روھىنىڭ يېڭى ۋاكالەتچىسى بولۇپ قالدى.

دېڭىز يۈزىدىن 640 مېتىر ئېگىزلىكتىكى لۇڭدىڭشەن تېغىغا جايلاشقان جيۇجيەنپېڭ كەنتىدە تاغ ئېگىز ھەم تىك، تۆت ئەتراپى تىك يار، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، سۇ ۋە توك كەمچىل ئىدى. 112 مو يەر 23 تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ياخشى ھوسۇل ئالغان يىللىرىمۇ، كەنت ئاھالىلىرى پەقەت %70 - %80لا تويۇنالايتتى.

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جياكۇن كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ توك تارتىپ يول ياساپ، تاغقا سۇ باشلاپ چىقىپ، تاغنى تۈزەپ كۆچەت تىكىپ، ئۇدا بەش يىل جاپالىق ئىشلىدى. پۈتۈن كەنت جەمئىي 230 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، 3500 مېتىر تاش ئۆستەڭ ياسىدى، تاغنى ئېچىپ 500 مودىن ئارتۇق يەرنى رەتلىدى، يېڭىدىن 20 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق مېۋىلىك دەرەخ تىكتى...

تاغ ئۆزگەرتىلىپ، تاغ بويسۇندۇرۇلدى، دەريا ئۆزگەرتىلىپ، دەريا قىياپىتى يېڭىلاندى، يەر ئۆزگەرتىلىپ، ھوسۇل ئاشتى.

ئىككى ۋاقىت تۈگۈنى يىمېڭ روھىنىڭ يىمېڭ خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن زور ئۆزگىرىشلىرىگە بەلگە بولدى −

1985 - يىلى، يىمېڭ تاغلىق رايونىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان لىنيى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 18 تۇتاش كەتكەن نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇقتىلىق رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلدى؛

ئون يىل جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لىنيى نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلۇشنى بىراقلا ئىشقا ئاشۇردى.

يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلار شۇنچىلىك گۈزەل، شاماللار يەلپۈپ ئۆتكەن ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا يايلاپ يۈرگەن قوي - كالىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئاق قوناقلار قىزىرىپ، شال چېچىكىنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلىدۇ... «يىمېڭشەن كۈيى»دىكى بۇ گۈزەل تەسۋىر يىمېڭ خەلقىنىڭ قولىدا ئاللىقاچان رېئاللىققا ئايلاندى.

يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش   يېڭى سەھىپە پۈتۈش

ھەربىيچە كىيىم تىكىش، قاتلىما پىشۇرۇش، نوسىلكا كۆتۈرۈش... دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يىنەن ناھىيەسى مامۇچى يېزىسى چاڭشەنجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ھويلىسىدا، قىزىل يەڭگىنىڭ ھېكايىسى باش تېما قىلىنغان چۆكمە شەكىلدىكى ئويۇن ئوينىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ «جەزمەن كۆرۈشكە» جەلپ قىلدى.

يىنەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى فەن رۇفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: چۆكمە شەكىلدىكى ئويۇندا ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدىكى ئوخشاش بولمىغان شەخسلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە خاراكتېرى زىچ چۆرىدىلىپ، كۆرۈنۈشلۈك ئورۇنداش شەكلى ئارقىلىق، ئەينى يىللاردىكى ئارمىيە بىلەن پۇقرالارنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولغانلىقى نامايان قىلىندى.

بۇ شۇ جايدىكى يېڭىلىق يارىتىلغان قىزىل ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، شۇنداقلا يىمېڭ روھىغا يېڭىدىن دەۋر سېھرىي كۈچى بېغىشلىدى. ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مەزگىلى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى مەزگىلىدە تەرەققىي قىلغان يىمېڭ روھى يېڭى دەۋردە ئۈزلۈكسىز كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، يىمېڭ خەلقىنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

بۇ تېخىمۇ يېشىللىققا پۈركەنگەن يىمېڭ −

لىنيى شەھىرى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، گازغا چېتىشلىق سانائەت كارخانىلىرى ئۈچ قېتىم ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى، 10 مىڭ يۈەنلىك GDPنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %17 تۆۋەنلىدى، 2020 - يىلى ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى 54 كۈن كۆپەيدى.

بۇ كەسىپلەر تېخىمۇ گۈللەنگەن يىمېڭ −

پىڭيى ناھىيەسىنىڭ دىفاڭ بازىرى جيۇجيەنپېڭ كەنتىدە، پارتىيە تەشكىلاتى كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ قاقاس يەرلەرنى تۈزەپ تاش ئۆستەڭ ياساپ، ئۇچقاتنىڭ ئەلا سورتىنى يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىپ ئۆستۈرۈش، قۇرۇق گۈل سودىسى، يېمەكلىك - دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ئېگىز تاغ، چوڭقۇر جىلغىلار ئارىسىدىكى كەنتنى «يىمېڭدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت» قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

بۇ تۇرمۇش تېخىمۇ باياشاتلاشقان يىمېڭ −

2019 - يىلى 11 - ئايدا، گاۋتيې يىمېڭ تېغىغا كەلدى، «لىجياجەي بېكىتى» لىنىيە بويىدىكى بىردىنبىر كەنت نامى بىلەن ئاتالغان گاۋتيې بېكىتىگە ئايلاندى. شۇ جايدىكى گىلاسلار گاۋتيې بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، يىمېڭ خەلقىنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

800 چاقىرىملىق يىمېڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، تاغ - دەريالىرىنىڭ ھەممىسى ناخشا.

يىمېڭ روھىنىڭ تۈرتكىسىدە، يىمېڭ تاغلىق رايونىدىكى ئوغۇل - قىزلار باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلمەكتە. كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، ئىنقىلابىي كونا رايون خەلقىمۇ داۋاملىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، تېخىمۇ سەلتەنەتلىك، شانلىق دەۋر يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.