تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەيلى

​− پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى، 100 يىللىق كۈرەشتە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى چىقىش قىلىنىپ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان 100 يىللىق مۇساپە چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ماڭغان ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى، دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ياراتقان ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. بۇ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم تارىخىي تۆھپىسى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

«قارار» بىر شانلىق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى سىياسىي خىتابنامە، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئالدىنقى ئىككى تارىخىي قارارى بىلەن ھەم تومۇرداش، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇ مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ زور شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ھازىر، ئالدىمىزغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەل پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1921 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى قىلىپ، كوممۇنىزم غايىسى ۋە سوتسىيالىزم ئېتىقادىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، 100 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس روھ بىلەن يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. پارتىيە ۋە خەلق 100 يىل كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق داستاننى يېزىپ چىقتى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىمۇ بولمايتتى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. «قارار»دا كۈچەش نۇقتىسى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە قويۇلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش، كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم، زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىگىلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى تولۇق ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى تۈپ سەۋەب يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رولنى ياخشى تۇتقانلىقىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ بولغانلىقىدا. پارتىيە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى بېكىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. «قارار»دا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»دە چىڭ تۇرۇش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، دىپلوماتىيە خىزمىتى قاتارلىق 13 جەھەتتىن يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ساھە بويىچە يەكۈنلىنىپ، توققۇز يىلدىن بۇيانقى ئىجادىي خاراكتېرلىك ئىدىيە، ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەر نۇقتىلىق يەكۈنلەندى. «قارار»دا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە توپلانغان يېڭى تەجرىبىلەر نۇقتىلىق يەكۈنلەندى، بۇ مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، دىققەتنى بىز قىلىۋاتقان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشىغا ئىنتايىن زور ئىلھام بېرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ئۆتكەن 100 يىلدا، پارتىيە خەلققە، تارىخقا بىر ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، پارتىيە جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا ئاتلاندى. دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆتمۈشتىكى ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلساق، بىز چوقۇم داۋاملىق ياخشى نەتىجە يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى دەۋر شان - شەرىپىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.