تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز

​− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىرىنچى ۋاقىتتا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى بولغان مۇھىم پەيتتە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.

100 يىللىق كۈرەشتە شانلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يىغىن ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى مېي مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەندى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن بېكىتىلگەن نىشاننى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

«پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر بىزنى غايە - ئېتىقادنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گاۋ يۈەنتاۋ مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمنى ئاڭلىق قوغداپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى مەخسۇس كېڭىشىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پەلسەپە ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت ۋاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ، بىر شانلىق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامە، تارىخنى ئەينەك قىلىش، كەلگۈسىنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ چۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە ۋە خەلق 100 يىل كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق داستاننى يېزىپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى «پارتىيە چاقىرغان ھامان ئىتتىپاق كومىتېتى ھەرىكەتكە كېلىش»تەك ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى، باش تېمىلىق ئىتتىپاق دەرسى، پىيونېرلار ئەترىتى پائالىيىتى دەرسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى سىجىل يارىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلەيدۇ.

باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يېڭىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى كامىل تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بايراق يولنى بەلگىلەيدۇ، ئىدىيە يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەت يېتىلدۈرۈپ، دەۋر بىزگە يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئالىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتى باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق شانلىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئۈزلۈكسىز تۈردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق، «تۈۋرۈك»لۈك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتە، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇرچىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ لياڭجۈن مۇنداق دېدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنى كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەردان مۇقىيىت مۇنداق دېدى: بىز جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى ۋە خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ئەڭ زور چەكتە قوغدايمىز.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبە ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئاساسىي رەڭ قىلغان ئالىملار روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمىز.

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كەلگۈسىنى يارىتىمىز

خۇاديەن شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خەن سۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان مەنىۋى شەجەرىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە بولۇشقا مۇناسىپ.

ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى خاۋ لېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدا ھەر بىر باج خادىمىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. بىز مەۋقەنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، باج ئېلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇلازىمەت قىلىمىز.

«ئومۇمىي يىغىندا پۈتۈن پارتىيە جەزمەن خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بۇ يىللاردا يۇرتىمىزدا بارلىققا كەلگەن بارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، دېگەننى ئىسپاتلىدى» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يەنئەن يولى تەۋەلىك رايونى فۇچۇەن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى مەۋلانجان مامۇت چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا.

يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياندۇما يېزىسى ئاياغ چىگەتۇغ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەلى ئوبۇلقاسىم مۇنداق دېدى: بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى يېتەكلەپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتىمىز!

«دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى. بىز مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى سىجىل تېزلىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لياڭ لىخۇا، جاڭ يۈنمېي، فەن خۇڭيى، يەن شياۋتيەن، جاڭ يەنفاڭ، شى شىن، جېڭ جو، ياڭ شۇخەن، مېھرىگۈل غوپۇر، شيې خۇيبيەن، چېن چياڭۋېي، مېھرىگۈل ناسىر، ما بويۈ، لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شۇاڭلۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.