تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى​

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تېزدىن يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىش، ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنى قوزغاشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەش پۈتۈن پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم دوكلاتى، مۇھىم چۈشەندۈرۈشى، مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» بىر شانلىق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، ئۇ مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن پارتىيەنى بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت - شىجائىتىنى ئۇرغۇتۇپ كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بىز پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم دوكلاتى، مۇھىم چۈشەندۈرۈشى، مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «قارار»نىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى مەركەزلىك ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى تەربىيەلەپ سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مۇتەخەسسىس، ئالىم، زىيالىيلارنى پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش، ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، لېكسىيە ئۆمىكى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 1 - شۇجى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاخبارات خەۋەرلىرى، مەخسۇس ئىستون تەسىس قىلىش، ئوبزور ۋە مۇھاكىمە، مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت، تەسىرات ماقالىسى، يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى ئاجايىپ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.