تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

​قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك

​چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە، پارتىيە ۋە خەلق غەلىبىلىك ھالدا بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىدىغان، تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى توپلاپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەندى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» بىر شانلىق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامە، تارىخنى ئەينەك قىلىش، كەلگۈسىنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىشى ئۈچۈن ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز سىياسىي ئاڭ، چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، قەتئىي، كەسكىن تۈردە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداپ، كەسكىن، قەتئىي تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «قارار»دىكى ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇشقا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ئىككىنچىدىن، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى مەركەزلىك ئۆگىنىپ، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، تارىخنى ئەينەك قىلىش، كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، كەڭ تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تاراتقۇلار تەشۋىق قىلىش، مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش، نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش كېرەك. تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كېڭەيتىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تىل، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش؛ لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 1 - شۇجى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ۋە ھەر مىللەت ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، لېكسىيەنى يۈزتۇرا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش؛ ئومۇمىي يىغىن روھىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تېمىلارنى چىقىرىپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، سالمىقى بار بىر تۈركۈم نەزەرىيەۋى ماقالىلەرنى يېزىش، ئېلان قىلىشقا تەشكىللەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق - ئالدىراقسانلىق قىلماي، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي ياخشى پىلانلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.