تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپ قۇچايلى

□ خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، «پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى چاقىرىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە، پارتىيە ۋە خەلق غەلىبىلىك ھالدا بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەش پۈتۈن پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 19 - نۆۋەتلىك 6 - ئومۇمىي يىغىننى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەشنى قارار قىلىشى تەنتەنىلىك بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە قەتئىي غەيرىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق ۋە بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى باشتىن - ئاخىر ئىگىلەيدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيەنىڭ مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ۋە تەتبىقلاشتا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش ۋە يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇلۇپ، توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشى، چوڭ تارىخ قارىشىنى تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، دىققەت پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مۇھىم، زور ۋەقەلەر، مۇھىم يىغىنلار، مۇھىم شەخسلەرگە باھا بېرىشتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ھۆكۈم بىلەن ماس ھالدا ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىگە بولغان يېڭى تونۇشى نامايان قىلىنغان بولۇپ، بىر شانلىق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامە، تارىخنى ئەينەك قىلىش، كەلگۈسىنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، تارىخقا ھۆرمەت قىلىش بولۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، پارتىيەنىڭ ئالدىنقى ئىككى تارىخىي قارارى بىلەن ھەم باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولغان، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن، ئۇ مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن پارتىيەنى بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت - شىجائىتىنى ئۇرغۇتۇپ كەلگۈسىگە قاراپ يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن 100 يىل، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان 100 يىل، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچقان 100 يىل. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس روھ بىلەن يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن قۇدرەت تېپىشنى كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. پارتىيە ۋە خەلق 100 يىل كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق داستاننى يېزىپ چىقتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىگىلەپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى تولۇق ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى مىسلىسىز دەرىجىدە مۇجەسسەملىنىپ، ئۇرغۇتۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. تارىخنى ئەينەك قىلغاندا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش − پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل تولغان تارىخىي شارائىتتا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىردەك قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈرەش ئىقتىدارى ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشنىڭ ئېھتىياجى. پۈتۈن پارتىيە ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش ۋە توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن بۇرۇن نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتىپ، كەلگۈسىدە بىزنىڭ قانداق قىلساق ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى ئاچتى، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقتى قاتارلىق بەش جەھەتتىن يەكۈنلىنىپ يىغىنچاقلانغان پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىدە پارتىيەنىڭ جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتى، ماركسىزم، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، ھەم جۇڭخۇا زېمىنى مەۋقە قىلىنىپ، ھەم ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇناسىۋىتى نامايان قىلىنغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ماركسىزم، دۇنيا سوتسىيالىزمى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتى نامايان قىلىنغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسى تۇتاشتۇرۇلغان. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ باردى، ئىلگىرىلەش داۋامىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىق داۋامىدا جاسارەتكە تولۇپ، خۇلاسىلەش داۋامىدا يۈكسىلىپ، قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى توپلىدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مۇستەقىل - ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو يولىدا چىڭ تۇرۇش، دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، دادىل كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىرلىك سەپتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق ئون جەھەتتىن يەكۈنلىنىپ يىغىنچاقلانغان پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىدە تارىخ، ھازىر، كەلگۈسى تۇتاشتۇرۇلغان، ئۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەتتىن توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبە، پارتىيە ۋە خەلق ئورتاق ياراتقان مەنىۋى بايلىق بولۇپ، تۈپ خاراكتېرلىك ۋە ئۇزاق كەلگۈسىلىك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەمدە يېڭى دەۋر ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنىلا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار مەۋجۇت؛ جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، دۆلىتىمىز يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. پۈتۈن پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەن تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن بېكىتىلگەن نىشاننى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەيدىغان سەگەكلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل بىلەن دەۋرنى كۆزىتىشى، دەۋرنى ئىگىلىشى، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ جەزمەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى بېيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، جۇڭگونى گۈزەللەشتۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ جەزمەن خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغدىشى، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك؛ جەزمەن خەۋپ - خەتەرنى ئەستىن چىقارمىغان روناق تاپۇر، راھەت - پاراغەتكە بېرىلگەن ھالاك بولۇر، دېگەن ھېكمەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ جەزمەن ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئۇلۇغۋار پىلاننى ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىگە توپلىشى كېرەك.

ئاقار توققۇز ئېقىن چەكسىز ۋەتەن باغرىدا ھەر يان، ئۇلۇغ ۋەتەن قۇرۇش ئۈچۈن ئاتلاندۇق ئىرادىمىزنى تاۋلاپ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 1000 يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى. ھازىر، پارتىيە جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى ئىمتىھانغا ئاتلاندى. دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى. بىز چوقۇم ئىمتىھاندا داۋاملىق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىختىكى ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يول ئېچىپ، جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئۆتكەن 100 يىلدا ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپ قۇچقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جەزمەن تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپ قۇچالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.