تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پاختىكارلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى مۇقىملاشتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پاختىغا ئائىت مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭ پاختىكارلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى مۇقىملاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كېۋەز تېرىش ـ يىغىۋېلىشقا مەجبۇرلىدى» دەپ بوھتان چاپلىدى ھەم بۇنى باھانە قىلىپ شىنجاڭ كارخانىلىرىنى يولسىزلارچە چەكلىدى. بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پاختىكارلار ۋە پاختىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ دەيدىغان گېپى بار. 11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچىدە پاختىغا ئائىت مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يەنە بىر قېتىم بايان قىلىپ، مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىغا ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ، شىنجاڭ داشۆ قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەركىن سامساق تەكلىپ قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئاقسۇ ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئالتە نەپەر ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىلى سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەككە تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش ياراتقانلىق ھېكايىسىنى ئورتاقلاشتى.

شايار ناھىيەسىنىڭ تارىم يېزىسىدىكى پاختىكار ئەمەر تۇرغۇن تۇنجى بولۇپ سۆز قىلدى. شۇ كۈنى، ئۇ ئۆزىنىڭ كېۋەزلىكىدە تۇرۇپ، كېۋەز تېرىش كەچۈرمىشىنى بايان قىلدى. «ئائىلىمىزنىڭ 1900 مو كېۋەزلىكى بار، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۈچ تىراكتور ۋە بىر پاختا يىغىش ماشىنىسى سېتىۋالدۇق، بۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنا سايمانلىرىنىڭ ھەممىسىگە دۆلەت ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى.» ئەمەر مۇنداق دېدى: ماشىنىلارنىڭ ياردىمىدە 1900 مو يەردىكى پاختىنى بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يىغىپ بولدۇق.

ساۋەن شەھىرىنىڭ كونا ساۋەن بازىرىدىكى پاختىكار ئاۋۇتجان ئائىلىسىنىڭ 80 مو كېۋەزلىكىدىكى كېۋەزنىڭ ئەھۋالىنى يان تېلېفون APPسى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ئىگىلىيەلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشقا تايانغانلىقىمدىن، بۇ يىل كېۋەزنىڭ مو بېشى ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن 80 ـ 70 كىلوگىرام ئاشتى».

دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پاختىچىلىقتا ماشىنىلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق ۋە يىغىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۈ تاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شىنجاڭ پاختىسىنىڭ رەڭگى، تالا ئۇزۇنلۇقى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن خېلى زور دەرىجىدە ئاشتى، پاختا سۈپىتى ئۆتكەن يىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى. يېقىندا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەڭشىشى ـ تىزگىنلىشى ئارقىسىدا، ھەر كىلوگىرام چىگىتلىك پاختىنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى تەدرىجىي ھالدا ئون يۈەندىن يۇقىرى بولۇشقا مۇقىملاشتى، پاختىنىڭ مو بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1500 يۈەندىن ئېشىپ، پاختىكارلار كىرىمىنىڭ ئېشىشى مۇقىملاشتى.

شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە تەرەققىياتى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ۋە پاختا توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، شۇ جاينىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى. ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى پاتىگۈل تۇرسۇن بىلەن گۈلنىسا ئابباس مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭ كارخانىلىرىنى چەكلەپ، بىزنى ئەمگەك ھوقۇقىمىزدىن مەھرۇم قىلىشقا، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، بۇنىڭغا بىز قەتئىي قوشۇلمايمىز.

ئەركىن سامساق مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللايدۇ، جىسمانىي ئەركىنلىكى، ئۆرپ ـ ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىش ھوقۇقى قاتارلىقلار بىردەك قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان، سىناققا تامامەن بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر مەيلى قانداق قارا چاپلىسۇن، تۆھمەت قىلسۇن، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.