تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى كۈچ توپلاپ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىشكە ئاتلاندى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

11 - ئاينىڭ بېشىدىكى شىنجاڭدا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولدى. ھالبۇكى، سوغۇق ھاۋارايى بىلەن سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى، شىنجاڭ قىش - ئەتىيازلىق ساياھەت قىزغىن دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى − 11 - ئاينىڭ تۇنجى ھەپتىسىنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى، ئالتاي شەھىرىدىكى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق كۆپلىگەن قار تېيىلىش مەيدانلىرى ئېچىلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساياھەتچىلەر بەس - بەستە يېتىپ كەلدى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى «قار - مۇز ئەندىزىسى»گە كىردى.

ئەسلىھەلەر ياخشىلاندى، مۇلازىمەت ياخشىلاندى، ھاجەتخانا ياخشىلاندى، قاتناش ياخشىلاندى، «تۆتنى ياخشىلاش» شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى چىڭىتتى؛ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تىجارەت - سودا تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇش، كۆپ خىل مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ شۆھرىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقاردى... يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى ساھەسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئىلمىي، تەرتىپلىك تۈرتكە بولدى.

يۇمشاق، قاتتىق دېتاللارنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

تەرەققىيات ئاساسى پۇختىلاندى

يېقىملىق مۇزىكا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، تامغا فوتوسۈرەت ئەسەرلىرى ئېسىلغان، قول يۇيۇش ئورنى ئەتراپىغا يېشىل ئۆسۈملۈكلەر قويۇلغان، توكلۇق ئىسسىتىش ئەسلىھەسى ئىشلىتىلگەن، ئىندۇكسىيە سىستېمىسى كۆپەيتىلگەنىدى... ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، قاناس مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت ھاجەتخانىلىرىدا ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ بولدى. بۇ يىل، قاناس مەنزىرە رايونى جەمئىي 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ساياھەت ھاجەتخانىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بۇ مەنزىرە رايونىدىكى ھاجەتخانىلار «پاكىز بولۇش، يىل بويى سۇ بولۇش، تازىلىق قەغىزى كەم بولماسلىق، قولنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇش» ئۆلچىمىگە يەتتى.

بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ھەم مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئالدىن مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى «تۆتنى ياخشىلاش»قا پائال تۈرتكە بولۇپ، يول قاتناش كۆرسەتكۈچ تاختىلىرى، مەنزىرە رايون يېتەكلەش سىستېمىسى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۆزگەرتىپ، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق مۇلازىمەت جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى سىجىل چۆرىدىگەن ھالدا تۈزىتىپ، نازارەت قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا ساياھەت ھاجەتخانىسىدىن 96سى، كۆچمە ھاجەتخانا ۋە ۋاقىتلىق ھاجەتخانىدىن 80 نەچچىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھاجەتخانا ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇلدى؛ يوللارنىڭ قاتناش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، لىنىيە يوللىرىنىڭ ئەھۋالى ناچار بولۇش، مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى بەلگە تاختىلىرى قالايمىقان بولۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىندى. شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى يۇمشاق، قاتتىق دېتاللارنىڭ دەرىجىسى سىجىل ئۆستۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازىمەنلىك بىلەن كېلىشى، رازىمەنلىك بىلەن ساياھەت قىلىشى، رازىمەنلىك بىلەن قايتىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى كۆپەيدى

ساياھەتچىلەر جەلپ قىلىنىپ ھاياتىي كۈچ ئاشۇرۇلدى

مۇشۇ كۈنلەردە، كۆكتوقاي ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى جىددىي رېپېتىتسىيە قىلىۋاتىدۇ. 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 15 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2021 - يىللىق جۇڭگو غەربىي شىمال ساياھەت تىجارەت - سودا يىغىنى كۆكتوقاي ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ سەنئەت ئۆمىكى ھەرقايسى جايلاردىكى ئەزىز مېھمانلارغا بىر مەيدان «كاتتا گۈلخان زىياپىتى» تەقدىم قىلماقچى.

«مېھمانلار خاس مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەندىن سىرت، يەنە گۈلخاننى چۆرىدەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىدۇ» دېدى بۇ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى دۈشەنبېك بولات.

بۈگۈنكى كۈندە، قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ مۇھىم ساياھەت ماركىسى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بۇ، شىنجاڭدا بەرپا قىلىنغان قىشلىق ساياھەت، قار - مۇز تەنھەرىكىتى قاتارلىق مەھسۇلات ۋە تۈرلەرنىڭ سودا سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇھىم بايراملاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، مول، رەڭدار باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇردى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ يىل تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىدىن 300 تۈردىن ئارتۇقنى ئۆتكۈزدى. بايرام - دەم ئېلىش كۈنلىرى، بايرامنى تەبرىكلەش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ ناھىيە بىلەن شەھەر بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئەتىيازدا چېچەك سەيلىسى قىلىش، يازدا سالقىنداش، كۈزدە مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش، قىشتا قار ئويناشتەك كۆڭۈل ئېچىش ساياھىتىگە تۈرتكە بولۇپ، نەشپۈت چېچىكى بايرىمى، بېلىق تۇتۇش بايرىمى، مەززىلىك تائاملار بايرىمى، مەدەنىيەت بايرىمى قاتارلىق ماركا پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستى ساياھەتچىلىكىنىڭ داڭقىنى ئاشۇردى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىل «دولان . كۈسەن» مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى، تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا جىغان مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى، تۇنجى نۆۋەتلىك تۆگە بايرىمى، شايار توغراق بايرىمى قاتارلىق 200 تۈردىن ئارتۇق باش تېمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى. تۈرلۈك قالتىس پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى، مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئاقسۇ ساياھەتچىلىكىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى كۈچەيتتى.

ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىندى

«شىنجاڭ ياخشى جاي»نىڭ داڭقى چىقىرىلدى

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ جېنرېنشيۇ مەدەنىيەت - ساياھەت مىكرو ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسى «يولغا چىقايلى، شىنجاڭ»نىڭ 3 - بېكىتى خوتەن ئالاھىدە ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىنى سۈرەتكە ئېلىش خوتەن شەھىرىدە باشلاندى، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى توردا ئالقىشلانغان ئالتە دارېن نەچچە كۈن ئىچىدە، خوتەن تۇەنچېڭغا بېرىپ، خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كوئېنلۇندىكى بۇلۇتقا تاقاشقان تاغ يولىدا مېڭىپ... نۇرغۇن تورداشقا گۈزەل شىنجاڭنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

«يولغا چىقايلى، شىنجاڭ» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بۇ يىل ئوتتۇرىغا چىقارغان ساياھەت تەشۋىقات - تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى بولۇپ، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن توردا 50 مىليون قېتىم قويۇلدى. «تور دارېنلىرى سۈرەت - يېزىق، سىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنى تەشۋىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز پۈتكۈل پائالىيەتنى سۈرەتكە ئېلىپ، خاتىرىلەپ، ئۇنى توردىكى مىكرو ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىغا ئايلاندۇرۇپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشىنى <يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش> تونۇشتۇرۇشى بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ساياھەت تەشۋىق قىلىش - ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ كادىرى سى يۈەنشۈن تونۇشتۇرۇپ.

«ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» «100 ناھىيەدە 10 مىڭ مىكرو سىنلىق فىلىم» «100 ناھىيەدە 1000 خىل مەززىلىك پۇراق»... بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت تەشۋىقات - تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، شىنجاڭنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاش، شىنجاڭنىڭ سىنلىرىنى كۆرۈش، شىنجاڭنىڭ يېمەكلىكلىرىنى يېيىش، شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش... شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنى سىجىل جۇلالاندۇردى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىمۇ كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ساياھەتنى تونۇشتۇردى. ئاقسۇ ۋىلايىتى توردا ئالقىشلانغان ساياھەت ئوبراز ۋەكىلى مۇسابىقىسىنى توردا ئۆتكۈزۈپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق تورداشنى بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، « بۇلۇتتا ئاقسۇنى ساياھەت قىلىش» قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى. 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئالتاي ۋىلايىتى قىشلىق - ئەتىيازلىق ساياھىتىدە «مەملىكەت بويىچە 100 شەھەر»دە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەينەن، گۇاڭدۇڭ، خۇبېي، جياڭسۇ، شەنشى، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىكى رادىيو ئىستانسىلىرىغا بېرىپ، نەق مەيداندا ئۇلاپ بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى دۇنيا دەرىجىلىك قار - مۇز ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇرۇپ تەشۋىق قىلدى.

«ئاكتىپ، تەشەببۇسكار، باشتىن - ئاخىر ئۈمىدۋار بولۇش»، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ساھەسى بۇ خىل روھىي ھالەتنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى. 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، بەزىلەر شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ۋىيشىن توپىدا: كىشىلىك ھاياتتا تۆت پەسىل يوق، پەقەت ئىككىلا پەسىل بار − تىرىشىش ئاۋات پەسىل، تىرىشماسلىق كاسات پەسىل، دېگەن بىر جۈملە سۆزنى تارقاتتى، نۇرغۇن كىشى بۇنى ئالقىشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.