تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىش

ۋاڭ جيەنفېڭ:​

خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

«خاس تېرىقچىلىق كەسپى قارابۇرا بازىرىنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسپى بولۇپ، قارابۇرا بازىرىدىكى 9600 مودىن كۆپرەك ئالمىلىق، 500 مودىن كۆپرەك شاپتۇللۇق <ئىككى خىل مەھسۇلات، بىر جۇغراپىيەلىك بەلگە> ئېتىرابنامىسىگە ئېرىشتى. بۇ يىل، قارابۇرا كەنتىدە يەنە 1000 مو يەرگە دەمەشق ئەتىرگۈلى تېرىلدى، بىز ھەر خىل بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.» 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، قارابۇرا بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيەنفېڭ قارابۇرا كەنتى ۋە كېمە ئاۋزى كەنتىدە لېكسىيە سۆزلىگەندە، قارابۇرا بازىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات يۆنىلىشى ئۈستىدە توختالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋاڭ جيەنفېڭ بىردەممۇ ئارام ئالماي كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

«بىز قارابۇرا بازارلىق مېۋە - چېۋە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزىنى ۋاسىتە قىلىپ، خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى، ئەتىرگۈلدىن چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات قاتارلىقلارنى بازارغا سېلىپ، قاتناش، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يانداشتۇرۇپ ياخشى قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش يولىدا ماڭىمىز» دېدى ۋاڭ جيەنفېڭ.

ۋاڭ جيەنفېڭنىڭ لېكسىيەسى كېمە ئاۋزى كەنتىدىكى باغۋەن زېڭ شيەنۋېننىڭ باغ - ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى. «بۇ بىرنەچچە يىلدا، مەن ئىزچىل ئۆلچەملەشكەن، ئىلمىيلاشقان پەرۋىش قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇم. بۇ يىل، مەن ئالمىلىق بېغىمدىن مول ھوسۇل ئالدىم، ئالمىلارنىڭ تىپى، قەنت تەركىبى، رەڭگى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلدى، ئالمىلارنى يەنە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجوۋ شەھىرىگە ساتتىم. ئەمدى مەن ئېسىل ئالما سورتىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىمەن» دېدى زېڭ شيەنۋېن.

قارابۇرا كەنتىدىكى دەمەشق ئەتىرگۈلى بېغى ئىلگىرى چۆللىشىپ كەتكەن ئوتلاق ئىدى. بۇ يىل، قارابۇرا بازىرى سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ نۇڭچۈنيۈەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ دەمەشق ئەتىرگۈلى ئۆستۈرۈش تۈرىنى كىرگۈزۈپ، بۇ ئۈنۈمسىز يەردىن ئالتۇن ئالدى.

«بۇ تۈرنى چۆرىدەپ، قارابۇرا كەنتى ئوتلاقنى ئوبوروت قىلىش، زاۋۇت ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى 230 مىڭ يۈەن ئاشۇردى، كېيىنكى قاراردىكى تۈرلەردە پايدا تەقسىملەش ئارقىلىق، ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 450 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئون كەنت ئاھالىسى ئوتلاقنى ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق ھەر يىلى 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدۇ. ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ھالقىلار يەنە بىر تۈركۈم كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى قارابۇرا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ جەنجېڭ.

«ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا نېفىت، نېفىت - خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، باغ - ئورمان، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، نانچىلىق، ئۈزۈم ھارىقى، ساياھەت قاتارلىق <ئون چوڭ كەسىپ>نى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز <بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش>نى چۆرىدەپ، سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، قارابۇرا بازىرىنىڭ خاس تېرىقچىلىقىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى ۋاڭ جيەنفېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.