تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى بېيىش يولىغا ئورتاق ئاتلىنىش

ۋاڭ جىجياڭ:​

ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى   بېيىش يولىغا ئورتاق ئاتلىنىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

«ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بىزنى يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدۇردى» دېدى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جېمىنەي ناھىيەسى توست يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىجياڭ.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ۋاڭ جىجياڭ كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، كادىرلار، ئاممىغا ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

توست يېزىسى تاستى كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى پېڭ جىنتاۋنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆي بېزەش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«كەنتىمىز جېمىنەي ناھىيەسىدىكى ساۋيۈەن شىچېڭ مەنزىرە رايونىغا ناھايىتى يېقىن، ساياھەتچىلەرمۇ تەدرىجىي كۆپىيىۋاتىدۇ.» پېڭ جىنتاۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۇ ئائىلىسىنىڭ تۇرالغۇسىنى پۇقراۋى قونالغۇغا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، سودىسى بارغانسېرى ياخشىلانغان، بۇ يىل، ئۇ يەنە ئۈچ ئېغىز ئۆينى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بۇ بىر مەزگىلدە ئۆي ئىچىنى زىننەتلەۋېتىپتۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توست يېزىسى ساۋيۈەن شىچېڭ مەنزىرە رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تاستى كەنتىنى يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. كەنت ئاھالىلىرى پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپلا قالماي، يەنە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر تۈركۈم دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچتى. 2019 - يىلى، تاستى كەنتىدە كەنت باشقۇرۇشىدىكى ساياھەت شىركىتى قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولدى؛ 2020 - يىلى، تاستى كەنتى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى؛ 2021 - يىلى، تاستى كەنتى 3 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ تاللاندى.

«بىز مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پۇقراۋى قونالغۇنىڭ مەدەنىيەت ئامىلىنى كۆپەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ سەيلە - ساياھەت، يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان خاس ساياھەت كەسىپلەر باغچە رايونى بەرپا قىلىمىز» دېدى ۋاڭ جىجياڭ.

پېڭ جىنتاۋنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، ۋاڭ جىجياڭ يەنە توست يېزىلىق ئاشلىق پونكىتىغا كەلدى، ئىككى چوڭ ئاشلىق ئامبىرى بۇغداي بىلەن لىق تولغانىدى. جېمىنەي ناھىيەسى جىنسۈي ئورگانىك يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىغان 10 مىڭ مودىن ئارتۇق ئورگانىك بۇغداي ئامبارغا كىرگۈزۈلۈپ بولغانىدى.

«بىز تېرىغان ئورگانىك بۇغدايلىقتا ماشىنىدا ئوت ئوتاش بىلەن ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئوت ئوتاشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە مەشغۇلات قىلىمىز، ھېچقانداق دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتمەيمىز.» بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى رېن جياڭلىن مۇنداق دېدى: پايدا تەقسىملەش، يەرنى ئوبوروت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە توست يېزىسىدىكى 392 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ۋاڭ جىجياڭ مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، ئىشەنچىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتتى.» ۋاڭ جىجياڭنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ رېن جياڭلىن ناھايىتى خۇشال بولدى.

توست يېزىسى تىپىك يېزا ئىگىلىك يېزا - بازىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېمىنەي ناھىيەسى ئورگانىك بۇغداي تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توست يېزىسىنى تېرىقچىلىق سىناق نۇقتىسى قىلدى. توست يېزىسى ئورگانىك بۇغداي تېرىقچىلىقىنى پۈتۈن يېزا بويىچە ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى بېكىتىپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش تېرىقچىلىق قىلىش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ۋە بىرتۇتاش ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت «بەش بىرتۇتاش» باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن يېزا بويىچە ئورگانىك بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 10 مىڭ 70 موغا يەتتى.

ۋاڭ جىجياڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى مۇھىم خىزمەت ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېزا ئىگىلىكىگە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن قىلىش. كېيىنكى قەدەمدە، توست يېزىسى ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، ناھىيە ئىقتىسادى ئىككىلەمچى مەركىزى، ئاتچىلىق كەسپى ھېس قىلىش مەركىزى ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى مەركىزى بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يېشىل، ئورگانىك تېرىقچىلىق ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك رايونى چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.