تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«ئۈچ تولۇق قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلدى

قىزىلسۇ ئوبلاستى:

​«ئۈچ تولۇق قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ پېڭ

«ئائىلىڭىزدە يەنە قانداق قىيىنچىلىقلار بار؟ بىز سىزگە ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بېرىمىز.» 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسى ئالغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى چىن يىڭرەن كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنجان ئاباقنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئىگىلىدى.

بۇ يىل 5 - ئايدا، تۇرسۇنجاننىڭ خوتۇنى كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ، ئائىلىسىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتتى. چىن يىڭرەن بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇنىڭ كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنى غەملىشىگە ياردەم بەردى، تۇرسۇنجاننىڭ چىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىسى ئاستا - ئاستا ئېچىلدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش - زىيارەت قىلىش تولۇق قاپلاش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى تولۇق قاپلاش، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشى تولۇق قاپلاش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلدى. پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى ئورۇنلار، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىنىڭ ئىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈردى. بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پاراۋانلىقىنى كۆزلىدى، ئۇلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى.

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، بۇ بازارنىڭ لەڭگەر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جارۇللا ئۆمەر ياڭاق دۆۋىسىدىن سۈپىتى ئەلا ياڭاقلارنى تاللاپ خالتىغا قاچىلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. لەڭگەر كەنتىنىڭ كۈن نۇرى چۈشۈش شارائىتى ياخشى بولۇپ، ياڭاق ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھىيەدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى دائىم ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئىلمىي ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەتكەچكە، بۇ يىل جارۇللا ئائىلىسىنىڭ يېرىدىكى ياڭاقلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ياخشى بولدى.

«يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق، بۇ يىل يەتتە مو ياڭاقلىقىمنىڭ مو بېشى ھوسۇلى خېلىلا ئاشتى، كېلەر يىللىق ھوسۇلنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» جارۇللانىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، پۈتۈن كۈچى بىلەن تۆت پەسىل مېۋە ئۈزۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، شياڭگۇ ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، كۆكتات ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ياڭاق ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن ئىبارەت تۆت كەسىپ بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆيدىن چىقىپ زاۋۇتلارغا كىرىشكە يېتەكلەپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش، پەرقلىق تېرىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. نۆۋەتتە، ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىدىكى تۆت كەسىپ بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى شۇ جايدىكى 200دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاقچى ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئۆز ئىدارىسىدىكى پارتىيەلىك پىدائىيلارنى تەشكىللەپ، ئاقچى بازىرىدىكى ئۇچ كەنتنىڭ ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، مېيىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆممىقوناقلارنى يىغىشىغا ياردەم بەردى. كۆممىقوناقلىقتا پىدائىيلار بىرنەچچە گۇرۇپپىغا بۆلۈندى، كۆپچىلىك يەڭلىرىنى تۈرۈپ، تاغارنى ئېلىپ، توشۇيدىغانلىرى توشۇپ، قاچىلايدىغانلىرى قاچىلاپ، غەيرىتى تولۇپ تاشتى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاممىغا جەمئىي 664 ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، 15 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 1300 ئايالغا «ئانىلار پوسۇلكىسى» تارقىتىپ بەردى، 133 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى سالدى ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتتى، 175 مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويدى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا جەمئىي 7 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلى تارقىتىپ بەردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.