تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قار تېيىلىش مەيدانلىرى مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى قىشلىق ساياھەت قىزىپ كەتتى

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى بۇ يىل قىشتىكى تۇنجى قار تېيىلىشنى كۈتۈۋېلىپ، كۆپلىگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى كېلىپ ھېس قىلىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى. □ تاڭ شياۋبو فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى

11-ئاينىڭ 6-، 7-كۈنلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى قار تېيىلىش مەيدانى تىجارەت باشلاپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى، نۇرغۇن قار تېيىلىش مەيدانلىرىمۇ قار ھاسىل قىلىش ئەندىزىسىنى باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن 2021-، 2022-يىللىق قار تېيىلىش پەسلىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. قار-مۇز ساياھىتىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتى ئاق-قارا رەڭلىك تەگلىك ئۈستىگە بىر پارچە رەڭدار تاغ-دەريا رەسىمى سىزىپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەتچىلىكتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، شىنجاڭنىڭ تۆت پەسىل ساياھىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى

«بۇ بىرقانچە يىلدا شىنجاڭدا قار تېيىلىش مەيدانلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، قىشتا مەيلى جەنۇبىي شىنجاڭ ياكى شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ ئويناڭ، شۇ جايدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا بېرىپ خۇماردىن چىقالايسىز» دېدى قار تېيىلىش ھەۋەسكارى ليۇ خۇا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۈركۈم قار-مۇز ساياھەت ئىستىراھەت رايونلىرىنى بەرپا قىلدى، 2016-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 29 قار تېيىلىش مەيدانى كۆپەيدى، نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي 66 قار تېيىلىش مەيدانى بار، يەنە ئىككى قار تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە S دەرىجىدىن يۇقىرى قار تېيىلىش مەيدانىدىن 38ى، 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانىدىن بەشى بار، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا كىچىك تىپتىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

قار تېيىلىش سايمانلىرىنى كۆپەيتىش، قار تېيىلىش سايمانلىرى زالىنى يېڭىلاش، قار تېيىلىش يولىنى كېڭەيتىش ھەم يېڭىدىن ياساش، توكلۇق يول ۋە ئاسما ۋاگونلارنى كۆپەيتىش... نۇرغۇن قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىدە يىلمۇيىل يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. بۇ يىللىق يېڭى قار پەسلىدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى يېڭىدىن 86 قار ھاسىل قىلىش ماشىنىسى، 4000 مېتىر قار ھاسىل قىلىش تۇرۇبا لىنىيەسىنى كۆپەيتتى، 7-نومۇرلۇق ئاسما ۋاگون ھەم بىر قار تېيىلىش يولىنى يېڭىدىن ياسىدى؛ كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى بۇ يىل ئاسما ئورۇندۇق شەكىلدىكى ئاسما ۋاگون ھەم ئالتە قار تېيىلىش يولىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى؛ ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى يېڭىدىن 1000 يۈرۈشتىن ئارتۇق قار تېيىلىش سايمىنى، ئۈچ توكلۇق يول ھەم يېڭى بالىلار قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى كۆپەيتتى؛ ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، قاراماي شەھىرى لۇڭشەن قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كېچىلىك مەيدان چىراغلىرىنى ئۆزگەرتتى.

شىنجاڭ ئەيۋەنكې خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى لى خۇي 2004-يىلىدىن ئېتىبارەن قار تېيىلىش ساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىغانىدى، ئۇ شۇنى روشەن ھېس قىلدىكى، قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭغا قار تېيىلغىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپەيگەن.

خېرىدارلار ئىنچىكە ئايرىلىپ، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىندى

بۇ بىرنەچچە يىلدا، ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. بارغانسېرى كۆپ قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا تېخىمۇ كۆپ كەسپىي قار تېيىلىش تىرېنېرى بار بولدى ھەم قار تېيىلىش مەكتىپى ئېچىلىپ، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت كاپالىتى ۋە قار تېيىلىش تەسىراتىغا ئىگە قىلدى.

شىنجاڭ باۋفېڭشۆ قار تېيىلىش كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لياۋ شيەنچېڭ مۇنداق دېدى: «2017-يىلىدىن باشلاپ، سەنشى، سىچۇەن، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى قار تېيىلىش كۇلۇبلىرىدىن شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىدىغان دوستلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500دىن ئارتۇق ئادەمنى كۈتۈۋالالايمىز».

بۇ يىل دۆلىتىمىزدە تۇنجى بولۇپ ئېچىلغان قار تېيىلىش مەيدانى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، قار تېيىلغۇچىلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئەتراپىدا كۆپەيدى. شىنجاڭ ئالتاي ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى تەييۈن ساياھەت مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدىكى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، ئاز بىر قىسىم ئاممىنىڭ يېتەكلىشى، ئاۋامنىڭ ئەگىشىشىدە، پىلانلاپ قۇرۇش تېز ئالغا سىلجىتىلدى، قار تېيىلىش مەھسۇلاتلىرى مول بولدى ھەم بازار ئىنچىكە ئايرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىمۇ ئۆمەك تەشكىللەپ تەرەققىي قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان توپتىكى ساياھەتچىلەرنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. يېقىندا، شىنجاڭ ئەيۋەنكې خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى بېرىپ- كېلىشتە كارىۋاتلىق پويىزغا ئولتۇرۇپ كۆكتوقايدا قار تېيىلىش تۆت كۈنلۈك ساياھىتى قىلىش، نەنسەندە قار تېيىلىش بىر كۈنلۈك ساياھىتى قىلىش قاتارلىق قار تېيىلىش ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويدى. لى خۇي مۇنداق دېدى: «ساياھەت كوپىراتىپلىرى يولغا قويغان قىشلىق مەھسۇلاتلار بارغانسېرى موللاشتى، نوقۇل قار تېيىلىش ئۆمەكلىرى بار، قار تېيىلىش مەيدانلىرىنى ساياھەت لىنىيەسىنىڭ بىر نۇقتىسى قىلغانلارمۇ بار».

قىش - يازدا ئورتاق قۇرۇلۇپ، يۈرۈشلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى

گەرچە ھەممىسى قار تېيىلىش بولسىمۇ، لېكىن ھەربىر جايدىكى ئويناش ئۇسۇلىدا ھېس قىلىش ئوخشاش ئەمەس، بۇ، ليۇ خۇانىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قار تېيىلىش تەسىراتى.

«شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ بىر چوڭ خاسلىقى شۇكى، قىش-يازدا ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، 5S قار تېيىلىش مەيدانى بىلەن 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى بىرلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى چۇ بىن مۇنداق دېدى: بۇنداق كۈچلۈكلەرنىڭ بىرلىشىشى قار تېيىلىش بىلەن قىشلىق قار-مۇز ساياھىتىنى قالتىس بىرىكمىگە ئايلاندۇردى.

ھەرقايسى جايلار قار-مۇز تەنھەرىكىتى، قار-مۇز ساياھىتى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتىن باشقا، يەنە ئوخشاش بولمىغان ساياھەت بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا بىر تۈركۈم ئېسىل قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئىستىراھەت ساياھەت لىنىيەسى ۋە قار-مۇز ئۆرپ-ئادەت ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويدى، مەسىلەن، قار تېيىلىش+ئارىشاڭ، قار تېيىلىش+دالىدا پىيادە مېڭىش قاتارلىق مەھسۇلاتلار، يەنە قار-مۇز خاس كوچا رايونى، قار-مۇز يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلدى. «قار تېيىلىش مەيدانى+مەنزىرە رايونى+دالا ھەرىكىتى پىيادە مېڭىش يولى ئاساسەن ھازىرقى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى بولۇپ قالدى» دېدى لى خۇي.

بۇنىڭدىن سىرت، قار-مۇز ساياھەت بايرىمى ماركىسى ۋە دۆلەتنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن باشقا، ھەرقايسى جايلار يەنە قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەنتەربىيە، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىقلار بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار-مۇز كەسپى بازىسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلدى.

قار تېيىلىش شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ كەسىپ ھالىتىنى بېيىتتى. يېڭى قار پەسلىدە، ئېسىل قار-مۇز پائالىيەتلىرى شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار-مۇز ساياھەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، سوغۇق بايلىقنى قىزىتىدۇ، جانلاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.