شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى
«تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش تۇرمۇشىمىزنى خۇددى بىڭتاڭشىن ئالمىسىدەك شېرىن تەمگە ئىگە قىلدى»
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلىرىنى تونۇشتۇردى، توققۇز نەپەر ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى ئورتاقلىشىپ، يېشىل، يۇغۇرما تەرەققىي قىلغان ئاقسۇنى دۇنياغا نامايان قىلدى.
ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىت ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. «دۇ مىنچاۋ مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە، مەن ئۆستۈرگەن ئالمىنىڭ سۈپىتى خېلى ئۆستى، بىر مو يەردىن ئىككى توننىدىن ئارتۇق ھوسۇل ئالدىم، باھاسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى.» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاقسۇ شەھىرى خۇڭچىپودىكى بىڭتاڭشىن ئالمىسى ئۆستۈرۈش ئاھالىسى تۇنىياز ئەلا ۋە دۇ مىنچاۋ ئۆزلىرىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ بېيىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.
دۇ مىنچاۋ 2007-يىلى خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ مېۋىلىك باغنى ھۆددىگە ئالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق بېيىغانلىقىدەك چوڭ-كىچىك ئىشلارغا گۇۋاھ بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش تۇرمۇشىمىزنى خۇددى بىڭتاڭشىن ئالمىسىدەك شېرىن تەمگە ئىگە قىلدى».
ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاق ئۆستۈرۈش ئاھالىسى مۇخدان تۇردى بىلەن جاۋ ۋۇجۇڭ ياڭاق سەۋەبلىك تونۇشۇپ قالغان. ئۇلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 20 يىل ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك تەسىرلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. «مەن ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، مۇخدان ئاكام قىلچە ئىككىلەنمەستىن يىغىپ قويغان پۇللىرىنى ماڭا بېرىپ تۇردى. بۇ مېھىر-شەپقەتنى مەن مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن» دېدى جاۋ ۋۇجۇڭ.
بۈگۈنكى ئاقسۇدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى زور بىر تۈركۈم ئىلغار نەمۇنىچىلار بارلىققا كەلدى، مەسىلەن، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسى ۋە شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر بىلەن خەنزۇ سودىگەرلەر قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش، يەتتە مىللەتتىن بولغان 88 پايچىك بىرلىشىپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» رېستورانى قۇرۇش قاتارلىقلار، ھەرقايسى مىللەتلەر ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى.
بۇلتۇر 12-ئايدا، كۇچا شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ئارىلىقىدا ئوينىغان شوخ بويۇن ئېتىش ئۇسسۇلى توردا قىزغىن تارقىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەرھابا مەمەت دۆلەتنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسىغا گۇۋاھ بولدى، ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاقتا يېتىش-ياتماسلىقىنى پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى ۋە ئاتا-ئانىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللايدۇ، ئاتالمىش <مەجبۇرىي قوندۇرۇش> مەۋجۇت ئەمەس».
سۆز قىلغان ۋەكىللەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەكتەپ تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان سەپسەتىلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى. ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، يېزا-كەنتلەردىكى خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرى ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى.
نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى، پۈتۈن ۋىلايەتتە مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، ئىتتىپاق، ئىناق بولغان، گۈللەپ ياشنىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.
«ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ داڭقى چىقتى!» نىياز ھاشىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستلارنى ئاقسۇغا كېلىپ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسىنىڭ شېرىن تەمىنى بىللە تېتىپ، «يېشىل ئاقسۇ»نىڭ سېھرىي كۈچى ۋە پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.