تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ياشلىق باھارىنى بېغىشلاش

خۇ ۋېيباۋ:

ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ياشلىق باھارىنى بېغىشلاش

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ جاي يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، بۇ گۈزەل يېزا - بازار تىلغا ئېلىنسا، خۇ ۋېيباۋ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ.

2016 - يىلى شىئەن پەن - تېخنىكا داشۆسىنى پۈتكۈزگەن خۇ ۋېيباۋ ئىككىنچى يىلى 1 - ئايدا كېرىيە ناھىيەسىنىڭ جاي يېزىسىغا بېرىپ خىزمەت قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى بولدى.

نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئالدىدا، خۇ ۋېيباۋ مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. خىزمەتكە تېزدىن كىرىشىپ، يېزىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇ تىل ئۇقماسلىق، مۇھىت جاپالىق بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەر كۈنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نەق مەيداندا زىيارەتتە بولدى.

«دەسلەپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغان چېغىمدا، تىل جەھەتتىن ئالاقىلىشىش قولايسىز بولغاچقا، ھەرقايسى كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى چۈشىنىشى ئەتراپلىق بولمىدى، ھەم ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىغىمۇ ئىشەنمىدى» دېدى خۇ ۋېيباۋ يېزىغا دەسلەپ كەلگەن چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇخبىرغا.

خۇ ۋېيباۋ بىر تەرەپتىن بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن جاي يېزىسىدىكى ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلىدى. ئۇ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئىدىيەۋى قاراش ئارقىدا قېلىش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پىكىر يوللىرى كەمچىل بولۇش، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ جاي يېزىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىدا قېلىشى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنىڭ بىر قەدەر ئاز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىگىلىدى.

ئىدىيەۋى قاراشنى ئۆزگەرتىش نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. خۇ ۋېيباۋ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەت ۋە ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى پائال تەشۋىق قىلدى. ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقىدا، پۇقرالارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى بارغانسېرى كۈچەيدى. تۆت يىلدىن بۇيان، خۇ ۋېيباۋ جاي يېزىسىدىكى ھەربىر كەنتنى ئايلىنىپ چىقىپ، نامراتلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت ياردەم بېرىش - يۆلەش، ساھەلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى 55 نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پائال تۈرتكە بولدى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جاي يېزىسىنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، ئاسفالت يول كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، يېزا كىيىم - كېچەك زاۋۇتى، گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق مەيدانىنى كىرگۈزدى، پۇقرالارنىڭ مۇقىم خىزمىتى بار بولدى، يانچۇقى تومپايدى، غەيرىتى ئاشتى، قەلبى يورۇدى.

ئاۋۇت ئىمىن جاي يېزىسى يۇقارقى جاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، يېنىك دەرىجىدە مېيىپ بولغاچقا، ئائىلىسىدىكى بەش جاننىڭ تۇرمۇشىنى خوتۇنى ئىشلەمچىلىك قىلىپ قامدايتتى. كۆپ قېتىم بۇ ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، خۇ ۋېيباۋ ئاۋۇتنىڭ ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ھۈنىرى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ رېمونتخانا ئېچىپ بېرىش ئويىغا كەلدى. خۇ ۋېيباۋ ئاۋۇتنىڭ دۇكان ئىزدىشى، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى، ئاز سوممىلىق نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى... بۈگۈنكى كۈندە، ئاۋۇت رېمونتچىلىق دۇكىنى ئاچتى، خوتۇنى تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچتى، ئائىلىسىدە يەنە كالا باقتى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

خۇ ۋېيباۋنىڭ خىزمىتى تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. 2021 - يىلى، خۇ ۋېيباۋ كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقلىقىغا سايلاندى، «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

«مەن ئاساسىي قاتلامدا توغراقتەك يىلتىز تارتىپ، پۇقرالار بىلەن بىرلىكتە كەسىپ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن» دېدى خۇ ۋېيباۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.