تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئون مېتىر كېلىدىغان ئاپتوبۇستا پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ «ياخشى ئاۋازى»نى يەتكۈزدى

جاڭ يۆلياڭ:

ئون مېتىر كېلىدىغان ئاپتوبۇستا پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ «ياخشى ئاۋازى»نى يەتكۈزدى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىجارەت 2 - بۆلۈمى 104 - يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى جاڭ يۆلياڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا چىقىپ، مەيدان - بېكەتلەرگە بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئورتاق ئۆگىنىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ «ياخشى ئاۋازى»نى يەتكۈزدى.

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 15تە، مۇخبىر تىجارەت 2 - بۆلۈمى ليۇداۋان ئاپتوبۇس توختىتىش مەيدانىغا كەلدى، ئون مېتىر كېلىدىغان ئاپتوبۇس ئىچىدە، جاڭ يۆلياڭ قىزغىنلىق بىلەن خىزمەتداشلىرىغا پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەۋاتاتتى.

«پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالىدىغان، تېخىمۇ پاكىز سۇ ئىچىدىغان، تېخىمۇ خاتىرجەم يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغان، ياشاشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە ئايلاندى.» سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، جاڭ يۆلياڭ ئاممىۋى قاتناش ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشكە بىرلەشتۈرۈپ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىش مۇھىتىمۇ بۇ بەش يىلدا زور دەرىجىدە ياخشىلاندى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنى سەپلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، سەپەرگە چىقىش تېخىمۇ راھەت بولدى؛ ئاممىۋى قاتناش لىنىيە تورى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىدا بىر كۇنۇپكا بىلەن سۈرۈشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سەپەرگە چىقىش ئۈنۈمى ئۆستى؛ تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناشتا ئوخشاش بېكەتتە ھەقسىز ئاپتوبۇس ئالمىشىش، ياشانغانلار كارتىسى بىلەن ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلار كارتىسى بىلەن ئاپتوبۇسقا ئېتىبارلىق ئولتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سەپەرگە چىقىش تەننەرخى تۆۋەنلىدى ...

«يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشتا ھەقىقىي تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرىمىزنىڭ مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى»، «ئالدىنقى كۈنلىرى يەنە يولۇچىلار لەۋھە ئەۋەتىپ، بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنىڭ ياخشىلىقىنى ماختىدى» ... كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇھاكىمە قىلىشتى.

شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، پۇختا خىزمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىجارەت 2 - بۆلۈمى پارتىيە - مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما لىخۇڭ مۇنداق دېدى: «جاڭ يۆلياڭنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ، خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچۈم تېخىمۇ ئاشتى. بىز مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، خىزمەتنى ئامما رازى بولغۇدەك ئىشلەيمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.