تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى يېڭى ئىشچى»دىن باشقۇرغۇچى بەنجاڭ بولۇشقىچە

بەكرى ئالىم:

«قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى يېڭى ئىشچى»دىن باشقۇرغۇچى بەنجاڭ بولۇشقىچە

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ

«قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى يېڭى ئىشچى»دىن باشقۇرغۇچى بەنجاڭ بولۇشقىچە، بەكرى ئالىم پەقەت بىر يىللا ۋاقىت سەرپ قىلدى.

بەكرى قاراقاش ناھىيەسى كۇيا يېزىسى پاۋان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىشلەشتىن بۇرۇن، ئۇ كەنتتە تېرىقچىلىق قىلغانىدى، يېزا بازىرىدا ئاياغ ساتقانىدى.

بۇلتۇر 3 - ئايدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئاۋىياتسىيە بىناسى تۈر بۆلۈمى قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ئىشچىلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىشلىدى.

«دەسلەپ ئىش ئورنىغا كەلگەندە مەن ھېچنېمە بىلمەيتتىم. ھەر كۈنى پەقەت جازا سۆكۈش، جازا قۇراشتۇرۇشتەك ئىشلارنى قىلاتتىم» دېدى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بەكرى مۇخبىرغا.

بەكرى قۇرۇلۇش ئورنىدىكى بەزى ئىشچىلارنىڭ ھەم قېلىپ ئىشىنى، ھەم پولات چىۋىق ئىشىنى قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا ناھايىتى ھەۋەس قىلدى.

«ئوخشاش ئىشچى تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن باشقىلار ھەممە ئىشنى قىلالايدۇ، لېكىن مەن نېمە ئۈچۈن پەقەت جازا سۆكۈپ، جازا قۇراشتۇرىمەن؟» «ئوخشاشلا قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتىمەن، نېمە ئۈچۈن مەن پەقەت 3500 يۈەن ئالىمەن، باشقىلارنىڭ كىرىمى بولسا مەندىن بىر ھەسسە، ھەتتا ئىككى ھەسسە يۇقىرى؟» كېچىلىرى شۇ خىياللار بىلەن بەكرى كارىۋاتتا يېتىپ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بوش ۋاقتى بولسىلا تېخنىكىلىق ئىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ كۆرۈپ، تېخنىك ئىشچىلاردىن سورىدى، پاراڭلاشتى، ئۆگەندى.

ئەجىر يەردە قالمايدۇ. يېرىم يىلدىن كېيىن بەكرىمۇ قېلىپ ئىشچىسىنىڭ، پولات چىۋىق ئىشچىسىنىڭ ئىشىنى قىلالايدىغان بولدى. «كىرىمىم بىردىنلا ئاشتى.» بەكرى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ماڭا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتتى، تىرىشقاندىلا چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىدەك داۋلىنى چۈشىنىۋالدىم».

جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى 8 - قۇرۇلۇش ئىدارىسى غەربىي شىمال شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش دىرېكتورى، قوشۇمچە ئۈرۈمچى ئايروپورتى تۈرىنىڭ دىرېكتورى يۈ جياڭ بەكرىنىڭ ئىشنى پۇختا قىلىپلا قالماي، تېخنىكىنى تېز ئۆگىنىۋالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسىنىڭ بىرقەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، شىركەتكە بەكرىنى باشقۇرغۇچى بەنجاڭلىققا قويۇشنى ئىلتىماس قىلدى ھەم بۇ ئىلتىماس تېزلا تەستىقلاندى. بۇنداق ئىشەنچ بەكرىنى ھەم تەسىرلەندۈردى، ھەم پەخىرلەندۈردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ خىزمەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولدى.

ھەر كۈنى سەھەردە، ئىشداشلىرى تېخى ئۇخلاۋاتقاندا، بەكرى ئورنىدىن تۇرۇپ بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «باشقۇرغۇچى بەنجاڭدا باشقۇرغۇچى بەنجاڭغا خاس قىياپەت بولۇشى كېرەك، مەن ھەربىر ئىشتا ئىشداشلىرىمغا ئۈلگە بولىمەن.» بەكرىنىڭ تۇرالغۇسىدا يۇيۇش - چايقاش بۇيۇملىرىدىن تارتىپ يوتقان - كۆرپە، ياستۇقلارغىچە ھەممىسى رەتلىك تىزىلغانىدى.

«مەن ھازىر تۆت ئىش رايونىدىكى 60 نەچچە ئىشچىنىڭ ئىشقا چىقىش يوقلىمىسى ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل. ھەربىر ئىشچىنىڭ قايسى ئىشنى قىلىدىغانلىقى، قانداق قىلىدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان.» بەكرىنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى.

يېقىنقى بىرنەچچە ئايدا، قۇرۇلۇش ئورنىغا يەنە بىر تۈركۈم يېڭى ئىشچىلار كەلدى. «مەن ئۇلارغا بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتىم، كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خىزمەت ئاكتىپلىقى تېخىمۇ ئاشتى» دېدى بەكرى.

باشقۇرغۇچى بەنجاڭ بولغاندىن كېيىن، بەكرى تېخىمۇ تېز ئۆسۈپ يېتىلدى، يەنە نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى. «ئىلگىرى پەقەت قانداق قىلغاندا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنىلا ئويلايتتىم. ھازىر مەن مۇنەۋۋەر تۈر دىرېكتورلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، بالدۇرراق تۈر دىرېكتورى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن» دېدى بەكرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.