تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىش بولسا «كود»تا ئىنكاس قىلىندى ئەمەلىي ئىشلار دەرھال بېجىرىلدى

قومۇل شەھىرىدە:

ئىش بولسا «كود»تا ئىنكاس قىلىندى ئەمەلىي ئىشلار دەرھال بېجىرىلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى چېڭبېي كوچا باشقارمىسى گۇاڭمىڭ يولى مەھەللىسى تۆمۈريول 20 - كوچىسى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى ليۇ گۇاڭدو بىر قىزغىن ئايال. 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئولتۇراق رايوندىكى بىر ياشانغان كىشى يول يۈزى تۈز بولمىغاچقا يىقىلىپ چۈشتى، قولۇم - قوشنىلار بۇنى مەھەللىگە ئىنكاس قىلىپ، يول يۈزىنى تېزدىن ئوڭشاش كېرەك دەپ قارىدى، ليۇ گۇاڭدو بۇ «ئېغىر ۋەزىپە»نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى.

ليۇ گۇاڭدو مەھەللە كادىرلىرىنى ئىزدەپ بارغاندا، مەھەللىنىڭ ئېلان تاختىسىغا «قومۇل شەھىرى بويىچە ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت پىكىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يىغىش» دېگەن ئۇقتۇرۇش چاپلانغانلىقىنى كۆردى. ئۇقتۇرۇشتا ئىككىلىك كود بولۇپ، ئىككىلىك كودنىڭ ئاستى تەرىپىدە «پىكىر بولسا كودتا ئىنكاس قىلىڭ» دېگەن چۈشەندۈرۈش ۋە تۆت قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون نومۇرى بار ئىدى. ليۇ گۇاڭدو دەرھال يان تېلېفونىنى چىقىرىپ كودنى سىكاننېرلاپ، كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدىلا پىكىر - تەكلىپلىرىنى تاپشۇردى.

ئەتىسى ئەتىگەندە، ليۇ گۇاڭدو مەھەللە كادىرىدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى: «سىزنىڭ تەكلىپىڭىز قوبۇل قىلىندى، ئولتۇراق رايوننىڭ يوللىرىنى تۈزەپ رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىدا دەرھال ئىش باشلىنىدۇ».

«بۇنچە تېز جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن» دېدى ليۇ گۇاڭدو ھاياجانلانغان ھالدا.

«پىكىر بولسا كودتا ئىنكاس قىلىڭ» خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت پىكىرلەرنى كەڭ كۆلەمدە يىغىش پائالىيىتى قومۇل شەھىرى قانات يايدۇرغان «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك تەدبىر، شۇنداقلا قومۇل شەھىرى ئۇدا ئىككى يىل يولغا قويغان «ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت پىكىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يىغىش» پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە داۋاملىشىشى. ئامما ۋىيشىندا كودنى سىكاننېرلاش، قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇھىت قوغداش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. قومۇل شەھەرلىك «ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت پىكىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يىغىش» پائالىيىتى ئىشخانىسى پىكىر - تەكلىپلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا ئالاقىدار رايون، ناھىيە، تارماقلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، پىرىنسىپ جەھەتتە بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرىپ بولىدۇ ياكى بېجىرىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىدۇ.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قومۇل شەھىرى ئامما ئىنكاس قىلغان تۈرلۈك مەسىلىدىن 629نى قوبۇل قىلىپ، 609نى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى %98كە يەتتى. ۋاقتىنچە بېجىرىلمىگەن مەسىلىلەر ۋە ئىشلارنى ئالاقىدار رايون، ناھىيە، تارماقلار چىڭ تۇتۇپ بېجىرىپ، قەرەللىك ھالدا ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئاممىغا قايتما ئىنكاس قىلماقتا. بۇنىڭدىن سىرت، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى يەنە ئومۇمىي مەسىلىلەرگە ئالاقىدار رايون، ناھىيە، تارماقلاردىن تۈپ ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوخشاش تۈردىكى مەسىلىلەرنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، يېڭىدىن قۇرۇلغان مەكتەپلەر «ئوقۇغۇچى نورمىدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى»نى ھەل قىلدى، شەھەر رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلىپ، «ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسى ھەل قىلىندى، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كارخانىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى، ھەرقايسى يېزا، كەنتلەر ئائىلە دوختۇرى توختامى ئىمزالاش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى ... «پىكىر بولسا كودتا ئىنكاس قىلىڭ» بويىچە خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت پىكىرلەرنى كەڭ كۆلەمدە يىغىش پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، قومۇل شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» زور بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ھەربىر ياخشى ئىش، ھەربىر ئەمەلىي ئىش ئاممىنى ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ تولۇق، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.