تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدا 440 مىڭ 500 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %95.8ى ئورۇندالدى

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچىلەر ئونسۇ ناھىيەسى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا نان مەھسۇلاتلىرىنى تەييارلىماقتا. يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 1700 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كۈنىگە تۈرلۈك نان مەھسۇلاتلىرىدىن 45 مىڭنى ئىشلەپچىقىرىپ، تور ۋە تور سىرتى شەكلىنى قوللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى، شۇ جايدىكى 240 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. □ يەن شوۋلىن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدا 440 مىڭ 500 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ %95.8ى ئورۇندالغان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 28 مىڭ 200 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان؛ 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %2.49 بولۇپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 0.14 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى ئاچتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى مۇقىم كېڭىيىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى مۇقىم ئۆستى.

نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كۆپ تەرەپلىمە، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇر مۇلازىمىتى شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ۋىيشىن، ۋىيبو، يان تېلېفون APPسى قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى دەل جايىدا تەقسىملەپ ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈردى. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى قاتتىق ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتا «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش-يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى دائىملاشتۇرۇپ يولغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.